«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2023.09.04 09:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 17 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە نۇرغۇن مۇھىم ئامىل بار بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئورتاق ياراتقان. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك ئىزچىللىققا ئىگە. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىزچىللىقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇقەررەر ھالدا ئۆز يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن. ئەگەر جۇڭگونى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن تارىخ ئىزچىللىقى نۇقتىسىدىن تونۇمىغاندا، قەدىمكى زاماندىكى جۇڭگونى چۈشەنگىلى بولمايدۇ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ، كەلگۈسىدىكى جۇڭگونى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك ئىجادىيلىققا ئىگە. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىجادىيلىقى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توغرا يولدا ماڭىدىغان، كونىلىققا ئېسىلىۋالمايدىغان، قەدىمكىنى ئۇلۇغلايدىغان، قەدىمكىگە قايتىۋالمايدىغان ئىلگىرىلەش روھىنى بەلگىلىگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى خىرىستىن قورقمايدىغان، يېڭى شەيئىلەرنى باتۇرلۇق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان قورقماس خىسلىتىنى بەلگىلىگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك بىرلىككە ئىگە. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بىرلىكى نېگىزىدىن ئېيتقاندا جۇڭخۇا مىللىتىدىكى ھەرقايسى مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىدىغانلىقى، گەرچە ئېغىر، زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ مۇستەھكەم ئۇيۇشىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، دۆلەت زېمىنىنىڭ پارچىلىنىپ كەتسە بولمايدىغانلىقى، دۆلەتنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدىغانلىقى، مىللەتنىڭ چېچىلىپ كەتسە بولمايدىغانلىقى، مەدەنىيلىكنىڭ ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئورتاق ئېتىقادنى بەلگىلىگەن، دۆلەتنىڭ بىرلىكى مەڭگۈ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن، قۇدرەتلىك، بىرلىككە كەلگەن بىر دۆلەتنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيىلىكى گەۋدىلىك سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى نېگىزىدىن ئېيتقاندا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەت تارىخىي يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەن، جۇڭگودا ھەرقايسى دىنىي ئېتىقاد كۆپ مەنبەلىك، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىناق ئەندىزىنى بەلگىلىگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدىغان كەڭ قورساقلىقىنى بەلگىلىگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك تىنچلىققا ئىگە. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تىنچلىقى نېگىزىدىن ئېيتقاندا جۇڭگونىڭ باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن، جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشقا، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىدىغانلىقى، ئەمما مەدەنىيەت زومىگەرلىكى بىلەن مەشغۇل بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تاڭمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، قارشىلاشمايدىغانلىقى، ھەرگىزمۇ «ئۆز كىشىلىرى بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان» گۇرۇھۋازلىق بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش مۇقەررەر يول. بۇ، بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا ئېرىشكەن قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىز. «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەڭگۈشتەر. بىرىنچى، «بىرلەشتۈرۈش»نىڭ ئالدىنقى شەرتى بىر - بىرىگە ماس كېلىش. ماركسىزم بىلەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆزئارا يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىشچانلىق مەۋجۇت. ئۆزئارا ماسلاشقاندىلا ئورگانىك بىرلىشەلەيدۇ. ئىككىنچى، «بىرلەشتۈرۈش»نىڭ نەتىجىسى ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش. «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش» ماركسىزمنى جۇڭگونىڭكىگە ئايلاندۇردى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھازىرقى زاماننىڭكىگە ئايلاندۇردى، «بىرلەشتۈرۈش» ئارقىلىق شەكىللەنگەن يېڭى مەدەنىيەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەدەنىيەت ھالىتىگە ئايلاندۇردى. ئۈچىنچى، «بىرلەشتۈرۈش» يول ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى. جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنىڭ ئاچقۇچى «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە. «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش» جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تېخىمۇ بىپايان، چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى كېڭەيتتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزگىرىش ياساش ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ قايتا جۇلالىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. تۆتىنچى، «بىرلەشتۈرۈش» يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى ئاچتى. «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش» بىزنى ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتتە تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش ھەم يول، نەزەرىيە ۋە تۈزۈمگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش» يەنە بىر قېتىملىق ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بولۇپ، بىزنى تېخىمۇ كەڭ مەدەنىيەت بوشلۇقىدا، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت قىممەتلىك بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن نەزەرىيە ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بەشىنچى، «بىرلەشتۈرۈش» مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنى مۇستەھكەملىدى. مەدەنىيەت ئىشەنچى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىدىن كەلگەن. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تىكلىنىشى مەدەنىيەتنىڭ بۇ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىسى.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش» پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش تارىخىي تەجرىبىلىرىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىشى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، پارتىيەمىزنىڭ تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئاڭلىقلىقىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇش بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىمىز. بىرىنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى نەچچە مىڭ يىلنى باشتىن كەچۈرسىمۇ ئۈزۈلمەي داۋاملاشتى، قايتا - قايتا كۈلپەتكە ئۇچرىسىمۇ باش ئەگمەي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ كەلدى، بۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىدىكى مۆجىزە، شۇنداقلا بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش ئۆز يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقتۇر. ئىككىنچى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ موللىقى، رەڭدارلىقى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى ئېچىۋېتىش ھالىتى، سىغدۇرۇشچان كەڭ قورساقلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئۈچىنچى، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش. جەزمەن توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك توغرا كەيپىيات ۋە جاسارەت بىلەن، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، زامانىمىز شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: تارىخقا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش − يېڭى تارىخ يارىتىشتۇر، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەت − ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىشتۇر. ئورتاق تىرىشىپ دەۋرىمىزگە مەنسۇپ بولغان يېڭى مەدەنىيەتنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ