«شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن مەخسۇس تېمىلىق ئۈزۈندىلەر»نىڭ مىللەتلەر يېزىقى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.09.06 09:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن پارتىيەدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، مەركەز باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن مەخسۇس تېمىلىق ئۈزۈندىلەر»نىڭ موڭغۇل يېزىقى، زاڭزۇ يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى، قازاق يېزىقى، چاۋشيەن يېزىقى، يىزۇ يېزىقى، جۇاڭزۇ يېزىقى قاتارلىق يەتتە خىل مىللەتلەر يېزىقى نۇسخىسىنىڭ تەرجىمە خىزمىتىنى تاماملىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  «مەخسۇس تېمىلىق ئۈزۈندىلەر»نىڭ مىللەتلەر يېزىقى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى كەڭ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەتبىقلاپ، بۇ ئىدىيەنى سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالغا ئايلاندۇرۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

  «مەخسۇس تېمىلىق ئۈزۈندىلەر»نىڭ موڭغۇل يېزىقى، زاڭزۇ يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى، قازاق يېزىقى، چاۋشيەن يېزىقى نۇسخىسى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى؛ يىزۇ يېزىقى، جۇاڭزۇ يېزىقى نۇسخىسىنى مىللەتلەر نەشرىياتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سىچۇەن مىللەتلەر نەشرىياتى، گۇاڭشى مىللەتلەر نەشرىياتى بىلەن بىرلىشىپ نەشر قىلىپ تارقاتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ