شى جىنپىڭ جياڭجۈن سىتىلۋېلنىڭ ئەۋلادىغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2023.09.04 09:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىلىق جياڭجۈن سىتىلۋېلنىڭ نەۋرىسى جون ئىستېربىروكقا جاۋاب خەت قايتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىستېربىروكنىڭ خېتىدە جياڭجۈن سىتىلۋېل ھەم سىتىلۋېل جەمەتىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن دوستانە ئالاقە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ھەمبەھرىلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، مەن سىتىلۋېل جەمەتىدىكىلەرنىڭ جىسمىدىن ئامېرىكا خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇقىنى ھېس قىلدىم. جياڭجۈن سىتىلۋېل جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئازادلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى پائال قوللىغان، جۇڭگو - ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىغا پائال تۆھپە قوشقان. جۇڭگو خەلقى بۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. يېقىندا، چۇڭچىڭ شەھىرىدە جياڭجۈن سىتىلۋېل تۇغۇلغانلىقىنىڭ 140 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، سىز سىنلىق سۆز قىلدىڭىز، قىزىڭىز، كۈيۈ ئوغلىڭىز ۋە نەۋرىلىرىڭىزمۇ نەق مەيدانغا كەلدى. جياڭجۈن سىتىلۋېل شۇغۇللانغان جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇق ئىشلىرىغا جەمەتىڭلارنىڭ 5 - ئەۋلاد كىشىلىرى ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ياپون فاشىستلىرىغا زەربە بېرىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت يەنە تامامەن ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، ئورتاق گۈللىنەلەيدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى خەلق ئارىسىدا، كۈچ مەنبەسى خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىدا. ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك. سىز ۋە سىتىلۋېل جەمەتىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن. سىلەرنىڭ دائىم جۇڭگوغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.

  يېقىندا، جون ئىستېربىروك رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، سىتىلۋېلنىڭ جۇڭگو ھەم جۇڭگو خەلقى بىلەن بولغان ئالاقە كەچۈرمىشىنى ئەسلەپ ئۆتتى، جەمەتىدىكى ئەۋلادلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تونۇشتۇردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى قوللىغانلىقىغا ھۆرمەت بىلدۈردى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قەدىناس دوستىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم سىتىلۋېل جەمەتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ