شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
2023.09.06 09:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رايون - بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، كەسىپلەرنىڭ رەقەملىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپ، رەقەملىك ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يەرشارىۋى مۇھىم ئامىل بايلىقىنى تەقسىملەش شەكلى، كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدا زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولدى. جۇڭگو رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش بىلەن كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلەتتى. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە رەقەملىك دەۋرنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، رەقەملىك ساھەدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەرنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشنى خالايدۇ.
2023- يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى «ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، كۆپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش» بولۇپ، شۇ كۈنى چۇڭچىڭ شەھىرىدە باشلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ