11-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىن، چياۋمىنلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قۇرۇلتىيى يېپىلدى

سەي چى يىغىنغا قاتناشتى

2023.09.04 12:33 مەنبە: خەلق تورى

  11-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىن، چياۋمىنلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قۇرۇلتىيى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق چوڭ سارىيىدا يېپىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە يىغىندىن بۇرۇن يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەللىك مېھمانلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگو چياۋمىن بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى كونا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  يىغىندا جۇڭگو چياۋمىن بىرلەشمىسى 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى، جۇڭگو چياۋمىن بىرلەشمىسى 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، «مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىن بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسى ( تۈزىتىلمىسى ) » توغرىسىدىكى قارار، جۇڭگو چياۋمىن بىرلەشمىسى 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، چەت ئەل ئەزاسى، پەخرىي ئەزالىرىنى تەكلىپ قىلىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

  قۇرۇلتاي چاقىرىق قىلدى، ھەر دەرىجىلىك چياۋمىن بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىن، چياۋمىنلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە چەت ئەلدىكى قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش مۇساپىسىدە، تىرىشىپ يېڭى شەرەپلىك سەھىپە يارىتايلى!

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لوساڭ جياڭسۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شيەنخۇي يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ