شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ چيەنشەن يېجەي ئوتتۇرا مەكتىپىدىن يېڭىدىن ھەربىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ساۋاقداشلارنى ئىلھاملاندۇردى

سادىق پەزىلەتنى مۇستەھكەملەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ۋە مەشىق قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش كېرەك

2023.09.04 09:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ چيەنشەن يېجەي ئوتتۇرا مەكتىپىدىن يېڭىدىن ھەربىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن 20 ساۋاقداشقا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: سىلەر ئارمىيەگە قاتنىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنى كىشىلىك ھاياتتىكى ئىنتىلىش قىلىپ، بۇ يىل ھەربىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، قىسىمدىكى ھاياتىڭلارنى باشلىدىڭلار، مەن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، تۈركۈم - تۈركۈم ئىرادىلىك ياشلارنىڭ ئۇدا كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. سىلەرنىڭ سادىق پەزىلەتنى مۇستەھكەملەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ۋە مەشىق قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئەنخۇي ئۆلكىسى چيەنشەن يېجەي ئوتتۇرا مەكتىپى دابيېشەن كونا ئىنقىلابىي رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى ئالاھىدىلىكى روشەن. بۇ يىل، بۇ مەكتەپتىكى 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ھەربىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە 20سى ئايرىم - ئايرىم ھالدا توققۇز ھەربىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى. يېقىندا، بۇ 20 ساۋاقداش شى جۇشىغا خەت يېزىپ، دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئۆزىنى بېغىشلاش، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈرگەنىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ