مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيەدە ئېرىترىيە مۇساپىرلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

2023.09.04 12:26 مەنبە: خەلق تورى

  ئىسرائىلىيە جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى ۋە ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر تېل ئاۋىۋدا ئېرىترىيە مۇساپىرلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تەخمىنەن 160 كىشى يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 15 كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.

  ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ئېرىترىيەلىك نۇرغۇن مۇساپىرلار ئېرىترىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا نامايىش قىلغان، بۇ ئارىلىقتا نامايىشچىلار دۇكان ۋە ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ-چېقىش قاتارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن. ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: زوراۋانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ساقچى تەرەپ راست ئوق ۋە باش قېيىش بومبىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەتتى ھەمدە 39 نامايىشچىنى قولغا ئالدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ