دىڭ شۆشياڭ جۇڭگو مۇھىت ۋە تەرەققىيات خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.08.31 23:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو مۇھىت ۋە تەرەققىيات خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ شۆشياڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو مۇھىت ۋە تەرەققىيات خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ زور پىلان قىلىپ، بىر قاتار ئىجادىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، ئىرادە، سالماق، ئۈنۈم مىسلىسىز بولدى. بىز يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بۇلغىنىشقا قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور قەدەم تاشلىدۇق. جۇڭگونىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، يېرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر يېڭى مۇساپىسىدە، جۇڭگو شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ئىزچىل ياخشى قىلىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قوغداش جېڭىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېشىل ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىش قىممىتىنى چوققىغا يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئالاقىدار قانۇن ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئىقتىساد سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارى مۇھىتىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دېڭىز-ئوكيان بۇلغىنىشىنى تۈزەش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو مۇھىت ۋە تەرەققىيات خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. ئەزالار، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقات ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ مۇھىت ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇ قېتىمقى جۇڭگو مۇھىت ۋە تەرەققىيات خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتى يىللىق يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «يېشىل ئېنېرگىيە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت. جۇڭگو مۇھىت ۋە تەرەققىيات خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزالىرى، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك كۆزەتكۈچىلەردىن تەخمىنەن 500 كىشى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، يېشىل يىپەك يولى قۇرۇلۇشى، يېشىل پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ