خەن جېڭ ئەنگلىيە دىپلوماتىيە تەرەققىيات ۋەزىرى كلېۋېرلى بىلەن كۆرۈشتى

2023.08.31 23:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا ئەنگلىيە دىپلوماتىيە تەرەققىيات ۋەزىرى جامېس كلېۋېرلى بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقىلى يېرىم ئەسىردىن ئاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى خەۋپ-خەتەر، خىرىس ئالدىدا جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بېرىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالاقىنى ساقلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى كارخانىلارغا ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشى كېرەك.

  كلېۋېرلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە مۇھىم چوڭ دۆلەت، خەلقئارا ئىدارە قىلىشتا كۈنسېرى مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ