جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

​«كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش خىزمىتى نىزامى» «مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى(2023 - يىلىدىن2027 - يىلىغىچە)»نى قاراپ چىقتى

2023.09.04 08:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش خىزمىتى نىزامى»، «مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى(2023 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە)»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتىكى باشلامچى، ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا تەڭداشسىز مۇھىم ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، غايە - ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەتنى چىڭىتىشنى نېگىز قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالايدىغان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاش، ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى پۇختىلاش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە چېنىقىشنى كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ پۈتۈن دەۋرىيلىكىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش جەھەتتە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تەشكىلنىڭ ئېھتىياجى، ئىش ئورنى ئېھتىياجى، كادىرلار ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش شەكلى، ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنىڭ سىستېمىلىقى، قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ساھەلەرگە ئايرىپ، مەخسۇس تېمىلارغا ئايرىپ ئۆگىتىپ، تەربىيەلەپ، كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي كاپالىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي يول، ئاساسىي بازىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي ئۆتكەلنى ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل زور كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، مەكتەپ باشقۇرۇشنى تىرىشچانلىق ۋە ئىقتىسادچانلىق بىلەن قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ