شى جىنپىڭ سىچۇەن لياڭشەن ئوبلاستى جىنياڭ ناھىيەسىدىكى قىيان ئاپىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى

ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ، تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2023.09.01 14:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەھەردە، سىچۇەن لياڭشەن ئوبلاستى جىنياڭ ناھىيەسىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ تۇيۇقسىز قىيان ئاپىتى كۆرۈلۈپ، يەنجياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى JN1 بۆلىكىنىڭ تۈر بۆلۈمى پولات چىۋىق پىششىقلاش مەيدانىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  ئالاقىدار ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ، ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ياخشى ئىشلەشنى؛ گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى؛ چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ، قۇتقۇزۇپ، سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ساۋاق ئېلىش ھەم قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، نەق مەيدانغا بېرىپ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، سىچۇەن ئۆلكىسى، لياڭشەن ئوبلاستى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، تۈرلۈك خىزمەتلەر يەنىلا جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ