مۇھىم خەۋەرلەر

نىگېرىيە ب د ت نىڭ نېپالنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىنى قوللاشنى كۈچەيتىشى ئۈستىدە ئىزدەندى

2023.09.04 12:26 مەنبە: خەلق تورى

  نىگېرىيە زۇڭتۇڭى تىنۇبۇ يېقىندا نىگېرىيەنىڭ پايتەختى ئابۇجادا ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋىلادىمىر ۋورونكوف بىلەن كۆرۈشكەندە، ب د ت نىڭ نىگېرىيەنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  نىگېرىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 1-چېسلا ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تىنۇبۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: تېررورىزم نىگېرىيەنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى ۋە مەھەللە مۇقىملىقىنى داۋاملىق يامانلاشتۇرۇۋاتىدۇ، ب د ت نىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېخىمۇ ئەمەلىي قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، پەقەت تېررورىزمنى يوقاتقاندىلا، ئاندىن تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  ۋورونكوف كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: نىگېرىيە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا غايەت زور تۆھپە قوشتى. ب د ت 2024-يىل 4-ئايدا ئابۇجادا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

  نىگېرىيە ئۇزۇن مەزگىل «بوكو» قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. تىنۇبۇ بۇ يىل 5-ئايدا زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ