مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئىراق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2023.08.31 00:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى پايتەخت باغدادتا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-ئىراق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھۈسەيىن، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەت ھۈسەيىن بەھرۇل-ئەلئۇلۇم، جۇڭگونىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي ۋېي قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

  بەھرۇل-ئەلئۇلۇم تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراق-جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا تېز تەرەققىي قىلدى. بۇ يىل ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز پائال ئىلگىرىلەش بولدى، ئىراق-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

  سۈي ۋېي تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى، ئۆزئارا ئىشەنچ ئورناتتى، ئۆزئارا قوللاشتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كارخانىلىرى ئىراقنىڭ نېفىت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، مەكتەپ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى قۇرۇلۇشىغا كەڭ قاتنىشىپ، ئىراقنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى. جۇڭگو ئىراق بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ئىراق ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-ئىراق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە جۇڭگو-ئىراق مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىم قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ