«شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دەرسلىكى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.08.30 10:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا سىڭدۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئومۇمىي بايان» دېيىلدى)نى تەشكىللەپ تۈزۈپ چىقتى. بۇ دەرسلىك ئالىي مائارىپ نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرلىكتە نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

  «ئومۇمىي بايان» شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بايان قىلىنغان تۇنجى بىرتۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىك بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىدىكى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق، جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن دەرسلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم نەتىجە. «ئومۇمىي بايان»نىڭ تۈزۈپ نەشر قىلىنىشى ۋە قوللىنىلىشى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەش، ياش ئوقۇغۇچىلارنى توغرا بولغان دۇنيا قاراش، كىشىلىك ھايات قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «ئومۇمىي بايان» مۇقەددىمە، 17 بابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە خاتىمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت ۋە ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئىلىم ساھەسىدىكى ئورتاق تونۇش خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «ئومۇمىي بايان»دا مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئوقۇتۇش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە قوبۇل قىلىش ئادىتىگە يېقىنلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، داشۆ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ئادەم تەربىيەلەش تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. دەرسلىكنى تۈزۈش جەريانىغا نەزەرىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئوتتۇرا ياش، ياش تايانچ ئوقۇتقۇچىلار كەڭ كۆلەمدە قاتناشتى، ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى كونكرېت تەشكىللەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ