مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولىدۇ

2023.08.30 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  ئاق ساراينىڭ 28-چېسلا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، زۇڭتۇڭ بايدېن 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولىدىكەن ھەمدە ۋىيېتنام كومپارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ قاتارلىق ۋېيتنام رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

  ئاق ساراي ئاخبارات كاتىپى ژان پىئېر باياناتىدا، ئىككى تەرەپ ئامېرىكا-ۋېيتنام ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانداق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، دېگەن. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى «تېخنىكىنى مەركەز قىلغان ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولىدىغان ۋىيېتنامنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مائارىپ ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمگەك كۈچى تەرەققىيات تۈرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كېڭەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».

  بايدېننىڭ بۇ قېتىمقى ۋىيېتنامدىكى زىيارىتى ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن بولىدىغان بولۇپ، ئاق ساراي بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، بايدېن 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە يېڭى دېھلىغا بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  ۋىيېتنامدىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان كۈننىڭ ئەتىسى «11 - سېنتەبىر» ۋەقەسىنىڭ 22يىللىق خاتىرە كۈنى بولغاچقا، ئاق ساراي بايدېننىڭ ئالياسكادا ئالاقىدار خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ خارىس، بىرىنچى خانىم گىل بايدېن ئايرىم-ئايرىم ھالدا نيۇ يورك شەھىرى ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن.

  قائىدە بويىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ھەر يىلى نۆۋەت بىلەن ئالمىشىش ئۇسۇلى بىلەن، «11-سېنتەبىر» خاتىرە كۈنىدە نيۇ يورك، بەش بۇرجەكلىك بىنا ياكى پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىغا بېرىپ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ