مۇھىم خەۋەرلەر

ھىندىستاننىڭ «ئاي كېمىسى 3» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئاي شارىغا سىلىق قوندى

2023.08.24 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 23-چېسلا، ھىندىستاننىڭ «ئاي كېمىسى 3» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئاي شارىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ يۈزىگە سىلىق قوندى. «ئاي كېمىسى 3» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى بوشلۇققا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئاي شارىغا قونۇش ئەسۋابى ۋە ئاي چارلاش ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «ئاي كېمىسى 3» ھىندىستاننىڭ 3-قېتىم يولغا قويغان تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ئايغا چىقىش تۈرى. بۇ تۈرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ھىندىستاننىڭ ئاي شارى يۈزىگە قونۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان تۆتىنچى دۆلەتكە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  2008-يىلى، ھىندىستان تۇنجى ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى «ئاي كېمىسى 1»نى قويۇپ بېرىپ، نۇرغۇن سۈرەت ۋە تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشتى. لېكىن ئەسلىدە ئىككى يىل يۈرۈش پىلانلانغان «ئاي كېمىسى 1» بىلەن 2009-يىلى 8-ئايدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان. 2019-يىل 7- ئايدا، ھىندىستان «ئاي كېمىسى 2»ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قويۇپ بېرىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئۇنىڭ قونۇش ئەسۋابى ئاي شارى يۈزىگە سىلىق قونماقچى بولغاندا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ