شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقى غايەت زور پاراخوتىنى تېز سۈرئەتتە يىراققا يۈرۈش قىلدۇرايلى

2023.08.22 15:13 مەنبە: خەلق تورى

  8 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، جوھاننىسبۇرگقا بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى «يۇلتۇز گېزىتى»، «كېئىپ ۋاقىت گېزىتى»، «مېركۇرىي گېزىتى» ۋە جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەقىل تاراتقۇ تور بېكىتىدە «جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقى غايەت زور پاراخوتىنى تېز سۈرئەتتە يىراققا يۈرۈش قىلدۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقى غايەت زور پاراخوتىنى تېز سۈرئەتتە يىراققا يۈرۈش قىلدۇرايلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  زۇڭتۇڭ رامافۇسانىڭ تەكلىپى بىلەن، مەن پات ئارىدا جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن ھەم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىمەن. بۇ مېنىڭ 6 ـ قېتىم «ھەسەن ـ ھۈسەن دۆلىتى»نىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغا قەدەم بېسىشىم. بۇ يەردە ئۇلۇغ سىياسىيون ماندېلا دۇنياغا كەلگەن، بۇ جايدا ئافرىقا بويىچە ئەڭ مول ساياھەت بايلىقى، ئەڭ ئۇزۇن تاشيول تورى، ئەڭ چوڭ ئاكسىيە سودا ئورنى، ئەڭ ئالدىراش ئايرودۇرۇم ۋە پورت بار. قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق، تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەت مۇكەممەل يۇغۇرۇلۇپ، جەنۇبىي ئافرىقىنى ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە قىلغان.

  ھەر قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىغا كەلگىنىمدە، ئوخشاش بولمىغان تەسىراتقا ئىگە بولىمەن، لېكىن مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى ئىككى دۆلەتنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇق رىشتى. بىزنىڭ دوستلۇقىمىز ۋاقىتنىڭ ئۇزاق تارىخىي ئېقىنىدىن ھالقىپ ئۆتتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللاپ، ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى بىلەن يولداشلارچە دوستلۇق ئورناتقان. بىزنىڭ دوستلۇقىمىز بىزنى ئايرىپ تۇرغان تاغ ـ دېڭىزلاردىن ھالقىپ ئۆتتى. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ باشلامچىلىق بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، قېرىنداشلارچە ئالاھىدە دوستلۇق رىشتىنى نامايان قىلدى. يېقىنقى مەزگىلدە، جۇڭگو تەرەپ يەنە جەنۇبىي ئافرىقىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى بىلەن جىددىي تەمىنلەپ قوللىدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىچە بولغان ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى ئاللىقاچان «ئالتۇن دەۋر»گە قەدەم قويدى، ئىستىقبالى پارلاق، كەلگۈسى ئۈمىدكە تولغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ رامافۇسا بىلەن ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش، ئۇچرىشىش، تېلېفونلىشىش، خەت ۋە تېلېگرامما ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدىم، بىز ھەمكارلىق توغرىسىدا ئورتاق سۆزلىشىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق. بىز بىر ـ بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىشلىق ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

  جەنۇبىي ئافرىقا تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغان ئافرىقا دۆلىتى، جۇڭگو ئۇدا 13 يىل ئافرىقىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ كەلدى، جۇڭگو ئافرىقىدىكى سېلىنما زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ تورتى بارغانسېرى زورايدى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئۈزۈم ھارىقى، رۇيى بوشى چېيى، ئالۇي يىلىمى جۇڭگودا توردىكى ئالقىشلانغان تاۋارلارغا ئايلاندى. زور بىر تۈركۈم جۇڭگو كارخانىلىرى جەنۇبىي ئافرىقىدا كەسىپنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇردى، «جەنۇبىي ئافرىقىدا ياسالغان» جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللىرى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى شۇ جايدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە كىردى. جەنۇبىي ئافرىقا كارخانىلىرىمۇ سودا پۇرسىتىگە تولغان جۇڭگو بازىرىغا بەس ـ بەستە مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  جەنۇبىي ئافرىقا ئۇبۇنتۇ ئىدىيەسى «مېھرىبان بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش»نى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ جۇڭگو رۇجيا ئىدىيەسىنىڭ «كىشىلەرگە مېھرىبان بولۇش، جانلىقلارنى ئاسراش، دۇنيا ئېجىل ـ ئىناق بولۇش» ئىدىيەسى بىلەن بىردەك. مەن 2015 ـ يىلى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ «جۇڭگو يىلى» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئۆزئارا دۆلەت يىلى ئۆتكۈزۈشىدەك خۇشاللىنارلىق نەتىجىگە گۇۋاھ بولغانىدىم. بۇ يىل 4 ـ ئايدا، دۇربان تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ماڭا جۇڭگو تىلىدا خەت يېزىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ ئافرىقا ياشلىرىنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىشىنى قىممەتلىك پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم. مول مەزمۇنلۇق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇردى.

  يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپلىك كاتېگورىيەدىن ھالقىپ، بارغانسېرى مۇھىم يەرشارىۋى تەسىرگە ئىگە بولدى. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، زۇڭتۇڭ رامافۇسا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا مەقسەت ـ نىشانى بىردەك بولغان بىرگە يۈرگۈچىلەردىن بولۇشى كېرەك. «ياخشى دوست تۇتسا، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى ياخشى دوستلاردىن بولغىلى بولىدۇ؛ دوستلۇقى مۇستەھكەم بولىدۇ، دوستلۇق مېھرى چىڭ بولىدۇ.» بىز دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللاپ، زوراۋانلىق، زومىگەرلىكتىن قورقماي، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنىڭ يېتەكلىگۈچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ئىقتىساد جەھەتتە بىر ـ بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش، ھەمكارلىق ئاساسى مۇستەھكەم بولۇش − قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىمىز. بىز تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېنېرگىيەدە تىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جەنۇبىي ئافرىقا تاۋارلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدا جەلپ قىلغان تاشقى مەبلەغنى يەنە بىر قاتلاش پىلانىنى قوللايدۇ.

  جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو ـ ئافرىقا دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنىڭ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، مېخانىزملاشقان تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، تاراتقۇ، ئالىي مەكتەپ، يەرلىك، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىققا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق روھىنى جۇڭگو ۋە ئافرىقىنىڭ بىپايان زېمىنىدا يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئورتاق مەنپەئەتنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيا توقۇنۇشقا ئەمەس، تىنچلىققا موھتاج؛ قارشىلىشىشقا ئەمەس، ھەمكارلىشىشقا تەشنا. جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا «جەنۇبىي يەرشارى»نىڭ مۇقەررەر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تېخىمۇ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشنى ئورتاق مۇراجىئەت قىلىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يەككە تەرەپلىمە جازا يۈرگۈزۈشكە ۋە «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام» قوپۇرۇشقا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق مەنپەئىتىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  مېنىڭ بۇ قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىغا كېلىشىمدىكى يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىم كۈنتەرتىپ بولسا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش، بۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئافرىقىدىن ئىبارەت بۇ ھاياتىي كۈچكە ۋە ئۈمىدكە تولغان چوڭ قۇرۇقلۇققا 3 ـ قېتىم قەدەم قويۇشى. مېنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، مەنزىرىسى گۈزەل خەينەن سەنيادا، جەنۇبىي ئافرىقا تۇنجى قېتىم رەسمىي ئەزالىق سالاھىيىتى بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى چوڭ ئائىلىسى يىغىلىشىغا قاتناشقانىدى. 12 يىلدىن بۇيان، جەنۇبىي ئافرىقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا، تەسىرىنى تېخىمۇ زورايتىشقا تۈرتكە بولدى. ھازىر، بارغانسېرى كۆپ دۆلەت «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دەرۋازىسى»نى ئېچىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا قاتنىشىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەردىكى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان دىپلوماتىيە ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىقنى، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەتنى قايتىدىن تەرەققىيات مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ جاراڭلىق ساداسىنى ياڭرىتىشنى خالايدۇ.

  بۇ يىل مەن ئافرىقىغا قارىتا چىن، سەمىمىي سىياسەت قوللىنىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ ئافرىقا ئىككى تەرەپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يولىدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلىدى، ئافرىقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى، سېنېگال فاندىيوگنې چوڭ كۆۋرۈكى، كېنىيە ئايرودۇرۇمى تېز سۈرئەتلىك يولى، مومباسا ـ نايروبى تۆمۈريولى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم تۈرلەردە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، جۇڭگو ـ ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ساداسى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ كەڭ زېمىنى ۋە تاغ ـ دەريالىرى ئارىسىدا ياڭرىدى.

  100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو ـ ئافرىقا مۇناسىۋىتى پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىسە، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىقى ياخشى تەرەققىي قىلسا، يەرشارىۋى تەرەققىيات تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئىگە بولىدۇ، دۇنيا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىققا ئىگە بولىدۇ. بۇ، 2 مىليارد 800 مىليون جۇڭگو ـ ئافرىقا خەلقى زىممىسىگە ئالغان خەلقئارا مەسئۇلىيەت ۋە تارىخىي بۇرچ. بىز جۇڭگو ـ ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزىمىز. مەن ئافرىقا رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تەرەققىيات تەدبىرلىرىنىڭ ئافرىقىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، ياسىمىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايمەن. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىدە بۇ يىل ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  «دولقۇن ئۆرلەپ دەريا يۈزى قىرغاق بىلەن تەڭلەشتى بۇندا، ئوڭ شامالدا كېمىلەر ئېگىز يەلكەن ئېسىپ يۈردى ئۇندا.» جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى 25 يىلىغا نەزەر سالساق، ئىككى تەرەپ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ غايەت زور پاراخوتى تېز سۈرئەتتە يىراققا يۈرۈش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئىشلىرىدا مۇقەررەر تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ