شى جىنپىڭ ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتى «ئامېرىكا - جۇڭگو ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى» ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە زاتلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2023.08.22 09:08 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتى «ئامېرىكا - جۇڭگو ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى» ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە زاتلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى.

  شى جىنپىڭ ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتى «ئامېرىكا - جۇڭگو ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى» ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە زاتلارنىڭ جۇڭگونىڭ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە بولغان ياخشى تىلەكلىرىگە رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەنتەربىيە خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋاسىتە. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، «تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس» بولغان چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن خاڭجوۋدا بىر نۆۋەتلىك قالتىس ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، ئاساسى خەلق ئارىسىدا، كەلگۈسى ياشلاردا. تېخىمۇ كۆپ بولغان جۇڭگو - ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئەلچىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. «ئامېرىكا - جۇڭگو ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى» ۋە ھەرقايسى دوستلارنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىشى ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتى «ئامېرىكا - جۇڭگو ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى» ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە زاتلار رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى، جۇڭگو - ئامېرىكا ياشلار ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ