«يېقىشلىق سۆزلەر-شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 2-قىسمى ئافرىقىدا قويۇلدى

2023.08.22 15:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «يېقىشلىق سۆزلەر-شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 2-قىسمىنىڭ ئىنگلىز تىلى، فىرانسۇز تىلى، ئەرەب تىلى، خاۋسا تىلى، سۋاشىلى تىلى قاتارلىق كۆپ تىللاردىكى نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پىروگرامما شۇ كۈندىن باشلاپ ئافرىقىدىكى 38 دۆلەتتىكى 62 ئاساسلىق تاراتقۇدا كۆرسىتىلىدۇ.

  «يېقىشلىق سۆزلەر-شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ ئىككىنچى قىسمىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى، سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى ۋە كىلاسسىك ھېكمەتلىرى كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى ۋە خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشتەك چوڭقۇر ھېسسىياتى جانلىق نامايان قىلىنغان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسى، يېڭى دەۋر مەزمۇنى ۋە يەر شارىلاشتۇرۇش قىممىتى شەرھلەنگەن.

  جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ماشاتىلې، جەنۇبىي ئافرىقا خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېنولى ئايرىم-ئايرىم يازما ۋە ۋىدىيو سۆزى قىلىپ، «يېقىشلىق سۆزلەر-شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 2-قىسمىنىڭ ئافرىقىدا قويۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇلار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: پىروگراممىنىڭ كۆرسىتىلىشى ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەقىل-پاراسىتىنى چۈشىنىشى، يېڭى دەۋردە جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ سەۋەبىنى ئىگىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15-قېتىملىق ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، «يېقىشلىق سۆزلەر-شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 2-قىسمىنىڭ ھىندى تىلى، تامىل تىلى نۇسخىسىمۇ ھىندىستاندىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ