جاۋ لېجىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىنى 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

2023.08.23 01:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىنى 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا مەمۇرىيەتكە قايتا قاراپ چىقىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، چەت ئەلنىڭ دۆلەت كەچۈرۈم قانۇنى لايىھەسى، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، شىركەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، قوشۇلما قىممەت بېجى قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش تەكلىپى بېرىلدى؛ گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، ئىلمىي ئۇنۋان قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، گوۋۇيۈەننىڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، ئىچكىرىدىكى 9 شەھەردە شياڭگاڭ قانۇن ئىجراچىلىرى ۋە ئاۋمېنلىق كەسپىي ئادۋوكاتلارنىڭ ئىچكىرىدە كەسىپكارلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ۋە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى مۆھلىتىنى ئۇزارتىشقا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تەكلىپ بەرگەن دائىمىي كومىتېت 5-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرىدىن يەنە: گوۋۇيۈەننىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مالىيەدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ ئالاقىدار تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى قاتارلىقلار بار.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى بەلگىلىمىسى قاتارلىقلارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى دائىمىي كومىتېت 5-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى دائىمىي كومىتېت 5-يىغىنىنىڭ ئالاقىدار قارالمىلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ