شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىن جوھاننىسبۇرگقا يۈرۈپ كەتتى

2023.08.23 09:27 مەنبە: خەلق تورى

  8 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى رامافۇسانىڭ تەكلىپى بىلەن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن جوھاننىسبۇرگقا يۈرۈپ كەتتى. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مەزگىلدە، شى جىنپىڭ يەنە رامافۇسا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ