لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

2023.08.22 15:10 مەنبە: خەلق تورى

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ ۋە يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

  لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، جايلار، تارماقلارنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىپ، ياخشىلىنىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى دەل جايىدا، كۈچلۈك يولغا قويۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەر بويىچە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ سىجىل ئېشىشى، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ سىجىل تۈگىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلاش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېز يارىتىشىمىز كېرەك.

  لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى ئاشۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت بوشلۇقىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى جانلاندۇرۇپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، چوڭ تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەتقىقاتى ۋە زاپىسىنى پۇختا، ياخشى قىلىش كېرەك. زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تاشقى سودىنىڭ كۆلىمىنىڭ مۇقىم، قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى مەبلەغنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كېرەك. رايون، شەھەر، يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. زور خەۋپ - خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى ماھىيەتلىك تۈگىتىشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ - خەتىرى ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش - تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئومۇمىيەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، خىزمەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، «ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆتكەلگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. تەپەككۇر ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت تەرتىپى ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئۈچۈن كۆپرەك چارە تېپىپ، كارخانىلارغا كۆپرەك ياردەم بېرىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىش قىلىدىغان، ئىگىلىك يارىتىدىغان، تەرەققىياتنى تەڭ ئىلگىرى سۈرىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى تەركىبىدىكى خادىملار يىغىنغا قاتناشتى، گوۋۇيۈەننىڭ باشقا تارماقلىرى، ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك ھۆكۈمەتلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆز جايىدا يىغىنغا سىنلىق سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ