مۇھىم خەۋەرلەر

پرىگورېن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى

2023.08.24 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  رۇسىيە ۋاگنېر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى پرىگورېن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.

  رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت مەھكىمىسى 23 - چېسلا كەچتە خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيەدىكى خۇسۇسىي ھەربىي گەۋدە ۋاگنېر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى يېۋگېننى پرىگورېن شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.

  رۇسىيە پايتەختى موسكۋادىن سانتپېتىربۇرگقا ئۇچقان بىر شەخسىي ئايروپىلان 23-چېسلا رۇسىيەنىڭ غەربىدىكى تېۋېر ئىشتاتىدا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندا جەمئىي ئۈچ ئايروپىلان خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئادەم بار ئىكەن. دەسلەپكى ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ