مۇھىم خەۋەرلەر

ياپونىيە بېلىقچىلىق بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى: يادرو بۇلغىمىسىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇرۇشتىكى مەيدانىم قىلچە ئۆزگەرمىدى

2023.08.22 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  ياپونىيە رادىيو جەمئىيىتى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە مەملىكەتلىك بېلىقچىلىق جەمئىيىتى بىرلەشمىسى (قىسقارتىلىپ « بېلىقچىلىق بىرلەشمىسى» دېيىلىدۇ) نىڭ باشلىقى بەنبېن ياشىن 21-چېسلا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتىيەن كىشىدا فۇمىئو بىلەن سۆھبەتلىشىشتە، يادرو بۇلغىمىسىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش پىلانىغا قارشى تۇرۇش مەيدانىدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، كىشىدا فۇمىئو باش ۋەزىر سارىيىدا ساكاموتو ياشىن بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يادرو بۇلغىمىسى سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش پىلانى توغرىسىدا ياپونىيەدىكى بېلىقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن چۈشەنچە بېرىشنى سورىغان. ساكاموتو ياشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دېڭىزغا قويۇپ بېرىش پىلانى خەلقنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمىدى، دېڭىزغا قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇرۇشتىكى مەيدانىمدا قىلچە ئۆزگىرىش يوق.

  خەۋەردە ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار زاتلارنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلدى: دېڭىزغا قويۇپ بېرىش پىلانى ئەڭ بالدۇر بولغاندا 24-چېسلا باشلىنىدۇ، ھازىر ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كىشىدا فۇمىئو 22-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن ئىچكى كابېنت يىغىنى ئېچىپ، دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنىڭ كونكرېت كۈنتەرتىپىنى قارار قىلىدىكەن.

  ياپونىيەنىڭ يادرو بۇلغىمىسى سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش پىلانى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بېلىقچىلىق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق ياپونىيەدىكى ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ياپونىيەنىڭ يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش قارارىغا كۆپ قېتىم قارشى تۇردى ۋە گۇمانلاندى. كورىيە، رۇسىيە، فىلىپپىن، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كەسپىي زاتلار ياپونىيەنىڭ يادرو بۇلغىمىسى سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش لايىھەسىنى ئۆز ئالدىغا مەجبۇرىي يولغا قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ، يادرو بۇلغىمىسى سۈيىنى دېڭىزغا بىۋاسىتە قويۇپ بېرىش ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك، ناۋادا يولغا قويۇلسا دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەسى ۋە مۇھىتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ