جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

​كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.08.21 09:10 مەنبە: خەلق تورى

  ■ «7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ باشلىرى» كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق باش ئىشتابى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلاشتى، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى ئاتاكىدا ئالدىدا ماڭدى، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم جىددىي ياردەم بەردى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى كۈچلەر باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالدى، كەڭ خەلق ئاممىسى قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يۇرت - ماكانىنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

  ■ ھازىر، دۆلىتىمىز يەنىلا ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قارا يامغۇر، كەلكۈن، تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق ئاپەتلەر يەنىلا كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، بەزى ۋادىلاردا يەنىلا كەلكۈن ئاپىتى خەۋپ - خەتىرى مەۋجۇت، خۇابېي، شەرقىي شىمالدىكى قىسمەن تاغلىق رايونلاردا تۇپراقنىڭ سۇ مىقدارى تويۇنۇپ بولدى، قىيان، گېئوئاپەت خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى، يەنىلا قىلچە بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ. ئايرىم رايونلاردا قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىدى ھەم ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشاشلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھەرقايسى ئالاقىدار رايونلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى باشتىن - ئاخىر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك

  ■ دەل جايىدا ئالدىن سىگنال بېرىپ ۋە ئىنكاس قايتۇرۇپ، مېتېئورولوگىيەلىك خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش بىلەن ئاپەتتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتە ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن بۇرۇن ئالدىن سىگنال بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇقتىدىن نۇقتىغا دەل جايىدا ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە ھەرىكەتچان يېڭىلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىن سىگنال بېرىشنىڭ قاراتمىلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە مەسئۇل كىشىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان ئاپەتتىن بۇرۇن ئالدىن سىگنال بېرىشتىكى «بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەرلەندۈرۈش» مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشتا ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى بويىچە ھەرىكەتكە كېلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش كېرەك. مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋادى خاراكتېرلىك زور كەلكۈننى باشتىن - ئاخىر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، دەريا ۋادىلىرىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لايىھە، قوشۇن، ماددىي ئەشيا ۋە كەلكۈن قاچىلاش رايونىنى ئىشلىتىش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، چوڭ دەريا، چوڭ ئېقىنلارنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ئېقىنلاردىكى كەلكۈن، ئوتتۇرا، كىچىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن ئۆتۈشى، قىيان ۋە گېئوئاپەت، شەھەر - يېزىلاردىكى ھۆلچىلىك قاتارلىق ئاجىز ھالقىلاردىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئاپەتكە ئايلىنىشتىن بۇرۇن تۈگىتىش كېرەك؛ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، قۇرغاقچىلىق ۋە ھۆلچىلىكنىڭ تەڭ يۈزبېرىشى، قۇرغاقچىلىق ۋە ھۆلچىلىكنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. كەسكىن يۆتكەپ خەتەردىن ساقلىنىپ، «ئون قېتىم ئالدىنى ئېلىپ، توققۇز قېتىم قۇرۇق قېلىشقا بولىدۇكى، ئالدىنى ئېلىشتا ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ»، ھالقىلىق پەيتتە خەتەرلىك جايدىكى ئاممىنى كەسكىن چېكىندۈرۈپ، يۆتكەپ، ئادەملەرنى يۆتكەپ خەتەردىن ساقلىنىش لايىھەسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۆتكەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يۆتكەش، يۆتكەشكە تېگىشلىكلىرىنى بالدۇر يۆتكەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  ■ پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، مەركەز كارخانىلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرى قاتارلىق تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئىلمىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن توسمىنى مۇستەھكەملەپ خەتەرنى تۈگىتىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، يوقاپ كەتكەنلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك؛ ئاجىز توسما بۆلەكلىرى، ھالقىلىق توسمىلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇستەھكەملەپ ۋە ئېگىزلىتىپ، مەخسۇس كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇپ توختىماي قوغداپ ۋە چارلاپ، سۇ تېشىپ كېتىش، توسمىنى يار ئېلىپ كېتىش قاتارلىق ئېغىر، زور خەتەرلىك ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، بۇ قېتىمقى ئاپەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان دائىرە كەڭ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كەلكۈن قاچىلاش رايونى كۆپ، يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامما كۆپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋە سەھىيە - يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپەت رايونىدىكى نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك

  ■ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق زىيانغا ئۇچرىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپەت سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان ئېتىز - ئېرىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقانلارغا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنى پائال تولۇقلاپ تېرىش، پائال قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىدە زىياننى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپ، دوختۇرخانا، ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تېزدىن ئالغا سىلجىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇش باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپەتتە ۋەيران بولغان ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تېزدىن باشلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش كىرىشتىن بۇرۇن ئۆيىگە قايتىشى ياكى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار تەرتىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى كىرېدىت ئارقىلىق قوللاش ۋە سۇغۇرتا تۆلىمى بېرىشنى كۈچەيتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا تىرىشىپ ياردەم بېرىشى كېرەك

  ■ ئەستايىدىللىق بىلەن بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ خۇلاسىلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك

  ■ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، ھەرقايسى ئالاقىدار رايون، تارماق ۋە ئورۇنلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاۋانگارت بولۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك سىياسىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ باشلىرى» كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق باش ئىشتابى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلاشتى، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى ئاتاكىدا ئالدىدا ماڭدى، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم جىددىي ياردەم بەردى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى كۈچلەر باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالدى، كەڭ خەلق ئاممىسى قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يۇرت - ماكانىنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىر، دۆلىتىمىز يەنىلا ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قارا يامغۇر، كەلكۈن، تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق ئاپەتلەر يەنىلا كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، بەزى ۋادىلاردا يەنىلا كەلكۈن ئاپىتى خەۋپ - خەتىرى مەۋجۇت، خۇابېي، شەرقىي شىمالدىكى قىسمەن تاغلىق رايونلاردا تۇپراقنىڭ سۇ مىقدارى تويۇنۇپ بولدى، قىيان، گېئوئاپەت خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى، يەنىلا قىلچە بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ. ئايرىم رايونلاردا قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىدى ھەم ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشاشلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھەرقايسى ئالاقىدار رايونلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى باشتىن - ئاخىر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دەل جايىدا ئالدىن سىگنال بېرىپ ۋە ئىنكاس قايتۇرۇپ، مېتېئورولوگىيەلىك خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش بىلەن ئاپەتتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتە ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن بۇرۇن ئالدىن سىگنال بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇقتىدىن نۇقتىغا دەل جايىدا ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە ھەرىكەتچان يېڭىلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىن سىگنال بېرىشنىڭ قاراتمىلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە مەسئۇل كىشىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان ئاپەتتىن بۇرۇن ئالدىن سىگنال بېرىشتىكى «بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەرلەندۈرۈش» مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشتا ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى بويىچە ھەرىكەتكە كېلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش كېرەك. مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋادى خاراكتېرلىك زور كەلكۈننى باشتىن - ئاخىر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، دەريا ۋادىلىرىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لايىھە، قوشۇن، ماددىي ئەشيا ۋە كەلكۈن قاچىلاش رايونىنى ئىشلىتىش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، چوڭ دەريا، چوڭ ئېقىنلارنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ئېقىنلاردىكى كەلكۈن، ئوتتۇرا، كىچىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن ئۆتۈشى، قىيان ۋە گېئوئاپەت، شەھەر - يېزىلاردىكى ھۆلچىلىك قاتارلىق ئاجىز ھالقىلاردىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئاپەتكە ئايلىنىشتىن بۇرۇن تۈگىتىش كېرەك؛ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، قۇرغاقچىلىق ۋە ھۆلچىلىكنىڭ تەڭ يۈزبېرىشى، قۇرغاقچىلىق ۋە ھۆلچىلىكنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. كەسكىن يۆتكەپ خەتەردىن ساقلىنىپ، «ئون قېتىم ئالدىنى ئېلىپ، توققۇز قېتىم قۇرۇق قېلىشقا بولىدۇكى، ئالدىنى ئېلىشتا ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ»، ھالقىلىق پەيتتە خەتەرلىك جايدىكى ئاممىنى كەسكىن چېكىندۈرۈپ، يۆتكەپ، ئادەملەرنى يۆتكەپ خەتەردىن ساقلىنىش لايىھەسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۆتكەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يۆتكەش، يۆتكەشكە تېگىشلىكلىرىنى بالدۇر يۆتكەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، مەركەز كارخانىلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرى قاتارلىق تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئىلمىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن توسمىنى مۇستەھكەملەپ خەتەرنى تۈگىتىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، يوقاپ كەتكەنلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك؛ ئاجىز توسما بۆلەكلىرى، ھالقىلىق توسمىلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇستەھكەملەپ ۋە ئېگىزلىتىپ، مەخسۇس كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇپ توختىماي قوغداپ ۋە چارلاپ، سۇ تېشىپ كېتىش، توسمىنى يار ئېلىپ كېتىش قاتارلىق ئېغىر، زور خەتەرلىك ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، بۇ قېتىمقى ئاپەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان دائىرە كەڭ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كەلكۈن قاچىلاش رايونى كۆپ، يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامما كۆپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋە سەھىيە - يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپەت رايونىدىكى نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق زىيانغا ئۇچرىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپەت سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان ئېتىز - ئېرىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقانلارغا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنى پائال تولۇقلاپ تېرىش، پائال قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىدە زىياننى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپ، دوختۇرخانا، ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تېزدىن ئالغا سىلجىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇش باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپەتتە ۋەيران بولغان ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تېزدىن باشلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش كىرىشتىن بۇرۇن ئۆيىگە قايتىشى ياكى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار تەرتىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى كىرېدىت ئارقىلىق قوللاش ۋە سۇغۇرتا تۆلىمى بېرىشنى كۈچەيتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا تىرىشىپ ياردەم بېرىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئەستايىدىللىق بىلەن بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ خۇلاسىلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ قۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش - قوماندانلىق قىلىش، كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىش، كەسىپ جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئەسلىھە، ئۈسكۈنە ۋە سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تاقابىل تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ رايونلار جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەركەزلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشقا قويۇپ، رايون خاراكتېرلىك ئېغىر، زور تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ئېھتىياجىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رايونلارنىڭ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش تەشكىلىي سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇنىۋېرسال جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشتىكى نۇقتىلىق رايون ۋە خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى يېزا - بازار، كەنت - گۇرۇپپىلارغا زۆرۈر جابدۇقلارنى سەپلەپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ۋادى، بولۇپمۇ شىمالىي رايونلاردىكى ئاساسلىق دەريا ۋادىلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلكۈن قاچىلاش رايونىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى ۋە ئايلىنىشىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەرنىڭ سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئايلىنىش ئىقتىدارىنى يېڭىلاپ ۋە ئۆستۈرۈپ، دەريا يولىدىكى زەي چىقىرىۋېتىش قۇرۇلۇشى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ غول سۇ چىقىرىش يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، ھەرقايسى ئالاقىدار رايون، تارماق ۋە ئورۇنلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاۋانگارت بولۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك سىياسىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ