مۇھىم خەۋەرلەر

«زىيانكەشلىك قىلىش تارىخىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ!»

___ ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ «زەھەرلىك گاز ئارىلى»نى زىيارەت قىلىش خاتىرىسى

2023.08.22 01:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە خىروسىما ناھىيەسىنىڭ تاكېخارا شەھىرىدىكى ئوكونو ئارىلىنى ساياھەت قىلغاندا، ھەممىلا يەردە سەكرەپ-تاقلاپ يۈرگەن توشقان رەسىمى ۋە كارتون توشقانلارنىڭ رەسىمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ نەزەرىدە ئوكونو ئارىلى «داڭلىق توشقان باغچىسى»، لېكىن تارىختا بۇ يەر ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ زەھەرلىك گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق بازىسى ئىدى. ئوكونو ئارىلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان زور مىقداردىكى زەھەرلىك گاز بومبىلىرىنى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىشقا ئىشلەتكەن.

  1929-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە، ياپونىيە خەلقئارا قانۇننىڭ مەنئى قىلىش بۇيرۇقىغا پىسەنت قىلماي زور مىقداردىكى خىمىيەلىك زەھەرلىك دورىلارنى خىمىيەلىك قورال ياساشقا ئىشلەتكەن، بۇنىڭ تەخمىنەن %90 ى ئوكونو ئارىلىدا ئىشلەنگەن، ئارالدا 200 دانە توشقان بېقىلىپ، زەھەرلىك گاز ئۈنۈمىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلگەن. ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياپونىيە خىمىيەلىك قورال جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تەجرىبە قىلىشقا ئىشلەتكەن توشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بۈگۈنكى كۈندىكى توشقانلارنى كېيىن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن قويۇپ بەرگەن.

  78 ياشلىق شەننېي جېڭجى «زەھەرلىك گاز ئارىلى تارىخى تەتقىقات ئورنى» ناملىق خەلق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى، ئۇ ئوكونو ئارىلىدا «زەھەرلىك گاز ئارىلى»نى چۈشەندۈرۈۋاتقىلى 25 يىل بولدى. شەننېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيەنىڭ تارىخ تەربىيەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراش تارىخىلا سۆزلىنىپ، زىيانكەشلىك قىلىش تارىخى سۆزلەنمىدى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ساياھەتچىلەر «توشقان ئارىلى»نىلا بىلىپ، «زەھەرلىك گاز ئارىلى»نى بىلمەيدۇ. 10 ئادەمدىن توققۇزى توشقان ئۈچۈن كېلىدۇ، بەلكىم بىر ئادەملا ئەسلىدە ئارالدا زەھەرلىك گاز ئىشلەنگەنلىكى، ياپونىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا زەھەرلىك گاز ئىشلەتكەنلىكىدىن ئىبارەت ئۇ تارىخنى بىلمەكچى بولۇشى مۇمكىن.

  ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1927-يىلى ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئوكونو ئارىلىدا زەھەرلىك گاز زاۋۇتى قۇرغان. 1929-يىلى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن تارتىپ 1945-يىلى ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانغا قەدەر 6000 دىن ئارتۇق ئادەم زەھەرلىك گاز زاۋۇتىدا ئىشلىگەن، ئىشلەپچىقىرىلغان زەھەرلىك گازلار زەمبىرەك ئوقىغا قاچىلانغاندىن كېيىن، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگو ئۇرۇش مەيدانىغا توشۇلغان. ئەنگە ئېلىنغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگودىكى زەھەرلىك گاز ئۇرۇشىنىڭ ئۆزىلا 1241 قېتىمغا يېتىپ، جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقىدىن 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تالاپەتكە ئۇچراتقان.

  تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيە ھەربىي تەرەپ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئوكونو ئارىلىنى سېخۇ ئىچكى دېڭىزىنىڭ خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن ھەمدە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەرقانداق ئادەم ئارالغا چىقىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىگەن.

  زىيانكەشلىك قىلىش تارىخىنى يوشۇرىدىغان بۇنداق ئۇسۇل ھازىرمۇ شەكىللىك ۋە شەكىلسىز ئۇسۇل بىلەن داۋاملىشىۋاتىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، «زەھەرلىك گاز ئارىلى» پۈتۈنلەي تارىخقا ئايلىنىپ كەتمىدى، بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان ھەمدە ياپونىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن خىمىيەلىك قوراللار ھېلىھەم جۇڭگو خەلقىگە زىيان يەتكۈزمەكتە.

  ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇش ئالدىدا ياپونىيە ئارمىيەسى جىنايىتىنى يوشۇرۇش، جاۋابكارلىقتىن قېچىش ئۈچۈن زور مىقداردىكى ئىشلىتىلمىگەن خىمىيەلىك قوراللارنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە كۆمۈۋەتكەن ياكى تاشلىۋەتكەن، جۇڭگودىكى 18 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 120 دىن ئارتۇق جايدا بۇ خىمىيەلىك قوراللار بايقالغان. ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تاشلىۋېتىلگەن خىمىيەلىك قوراللار 2000 دىن ئارتۇق جۇڭگو پۇقراسىنى تالاپەتكە ئۇچراتتى.

  «بىز ياپونىيە تەرەپنىڭ مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، سېلىنما سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، پۈتۈن زەنجىر بويىچە خىزمەتلەرنى تېزلىتىپ، ياپونىيە تاشلاپ كەتكەن خىمىيەلىك قوراللارنىڭ زەھىرىنى بالدۇرراق تەلتۆكۈس يوقىتىپ، جۇڭگو خەلقىگە پاكىز تۇپراقنى قايتۇرۇپ بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇرۇش ئازابىنى يېنىكلىتىشكە يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ھەيدەكچىلىك قىلىمىز» دېدى جۇڭگونىڭ ئوساكادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى شۆ جيەن، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. تىنچلىق يولىدا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي تارىخىي ئەھۋالنى قوغداش كېرەك».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ