مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈلگەنلىكىگە ئىككى يىل بولغاندىمۇ ئازاب يەنىلا ئافغانىستاندىن يىراقلاشمىدى

2023.08.22 01:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021-يىل 8-ئايدا، ئامېرىكا 20 يىل داۋاملاشقان ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى، ئامېرىكىنىڭ ئالدىراپ-تېنەپ ئەسكەر چېكىندۈرۈشى شۇ جاينىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۇرۇش ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان بۇ دۆلەتنى يەنىمۇ ئېغىر بالاغا ئىتتىردى.

  ھازىر ئامېرىكىنىڭ «كابۇل ۋاقتى»غا كىرىپ قالغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشتى. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندا 20 يىل بىگۇناھ كىشىلەرنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا غايەت زور ئاپەت ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى، ئامېرىكا قالدۇرۇپ كەتكەن قالايمىقانچىلىق ھازىرغىچە ئافغانىستاننىڭ تىنچ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى ئېغىر خىرىسقا دۇچار قىلدى.

  بىگۇناھلارنى قالايمىقان ئۆلتۈردى

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتچىسى براندېن براينت تاراتقۇلارغا كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن: بىر قېتىم ئافغانىستاندا ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، ئۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىكى كۆرۈنۈشتىن ئافغانىستانلىق بىر بالىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە نىشانغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن، ئۇ يۇقىرىغا دوكلات قىلغاندا، «ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئۇ پەقەت بىر ئىت» دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەن.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان 20 يىلدا 30 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 174 مىڭ ئافغانىستانلىقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئۈچتىن بىر قىسىم ئافغانىستانلىقلار مۇساپىرغا ئايلانغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندا زور مىقداردا توپلاشتۇرۇلغان بومبا ئىشلىتىپ، يەرلىك ئاممىغا ئېغىر بالايىئاپەت كەلتۈرگەن. توپلاشتۇرۇلغان ئوق-دورا ئىتتىپاقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2001-يىلى ۋە 2002-يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستانغا 1200 دىن ئارتۇق توپلاشتۇرۇلغان بومبا تاشلىغان، توپلاشتۇرۇلغان بۇ بومبا تەركىبىدە 240 مىڭدىن ئارتۇق بومبا بار ئىكەن.

  «ئۇلار (ئامېرىكا ئارمىيەسى) بار چاغدا، بىز ھەر كۈنى ئافغانىستانلىقلارنىڭ، جۈملىدىن بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرەتتۇق» دېدى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىكى جىنايىتى تىلغا ئېلىنغاندا ئافغانىستانلىق زەرمېنا، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن ئۇلار بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق».

  يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان قالايمىقانچىلىق

  ئامېرىكا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغاپ، بۇ دۆلەتنى ۋەيران قىلدى، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالدى، بۇ دۆلەتكە تاغ-دەريالىرى ۋەيران بولغان، خەلق كۈن كەچۈرەلمەيدىغان ۋەيرانچىلىقنى قالدۇردى. ئامېرىكىلىق ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن يازغۇچى ئېللىئوت ئاكمان «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئامېرىكا ئارمىيەسى كەلگىندىلىك سۈپىتى بىلەن پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالسا بولىدۇ، لېكىن ۋەيران قىلىنغان يۇرت-ماكانىنى قوغداۋاتقان ئافغانىستانلىقلارنىڭ يەنە قانداق تاللىشى بار؟» دېدى.

  ئامېرىكا ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندا ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا، ئافغانىستان خەلقىنىڭ «ئەركىن جەمئىيەت» قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بىراق ئاخىرىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندا 20 يىل تۇرغان بولسىمۇ، ئافغانىستان يەنىلا تۈزۈكرەك ئىقتىساد سىستېمىسى ئورنىتالمىدى، ئاشلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق بايلىقلار بىلەن ئۆزىنى قامدىيالمىدى. پايتەخت كابۇلدىمۇ شەھەر ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى، شەھەر مەمۇرىيىتى سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى ۋە پار بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى يوق، نۇرغۇن ئاھالە تاغدىكى ئۆزى سالغان كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ.

  ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاقزادە بولۇپ ئافغانىستاندىن قاچقان. ھازىر ئۇرۇش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا كەلتۈرگەن جاراھىتى تېخى ساقايمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ