مۇھىم خەۋەرلەر

مىسىر، ئىئوردانىيە ۋە پەلەستىن ئۈچ تەرەپ باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

2023.08.18 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر، ئىئوردانىيە ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى مىسىرنىڭ شىمالىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز شەھىرى يېڭى ئالاماندا ئۈچ تەرەپ باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  مىسىر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى، ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاII ۋە پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس يىغىندا پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ 1967-يىلىدىكى چېگرانى ئاساس قىلغان، شەرقىي ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالاقىدار تەرەپلەر خەلقئارا قانۇنلۇق قارارغا ئاساسەن پەلەستىن مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى ھەمدە تەستىقلانغان قانۇن ماددىلىرى ئاساسىدا «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسرائىلىيە خەلقئارا قانۇن، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى، ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان خەلقئارا كېلىشىم ۋە چۈشىنىش كېلىشىمى، جۈملىدىن شەرمشەيخ يىغىنى ۋە ئەقەبە سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ھەمدە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئۈچ تەرەپ ئىسرائىلىيەدىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىشغال قىلىنغان شەھەرلەرگە ۋە پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشنى، غەززە رايونىنى قامال قىلىشنى بىكار قىلىشنى، تۇتۇپ قېلىنغان پەلەستىن مەبلىغىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەمدە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئادىللىق ۋە ئومۇميۈزلۈك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كېڭىشىش ۋە ماسلىشىشقا قوشۇلدى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، پەلەستىن-ئىسرائىلىيەنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە ئېرۇسالېم قاتارلىق جايلاردىكى پەلەستىنلىكلەر بىلەن توقۇنۇشتى ھەم نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ