مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا ھاۋاي ئىشتاتى ماۋيى ئارىلىدىكى دالا يانغىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 110 غا يەتتى

2023.08.18 13:11 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا ھاۋاي ئشىتاتىنىڭ باشلىقى جوش گېلىن 16- چېسلا ھاۋاي شىتاتىنىڭ ماۋيى ناھىيەسىدىكى دالا يانغىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 110 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئامېرىكىدا بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان دالا يانغىنى.

  گېلىن شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:« ھەر كۈنى يۈرىكىمىز پارە - پارە بولدى، چۈنكى بىز تېخىمۇ كۆپ يېقىن ئادىمىمىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىزنى دوكلات قىلدۇق».

  گېلىن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئىزدەش خىزمىتى بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى تەسىر كۆرسەتكەن رايوننىڭ %38 نى قاپلىدى. شۇ جايدىكى ئەمەلدارلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن %85 تىن %90 كىچە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوننى ئىزدەش خىزمىتىنى تاماملاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەنىلا مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوقاپ كەتكەنلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەچكە،ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ماۋيى ناھىيەسى ماۋيى ئارىلى، لاناي ئارىلى قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماۋيى ئارىلى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئارال بولۇپ، ئارالدىكى نوپۇس 100 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ قېتىمقى دالا يانغىنى ماۋيى ناھىيەسى ماۋيى ئارىلىدىكى دەم ئېلىش ئورنى - لاخەينا بازىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ھاۋاي جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تارمىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دالا يانغىنى 8-چېسلا باشلانغان بولۇپ، قارا بوران ئېلىپ كەلگەن كۈچلۈك بوران ۋە قۇرغاق مۇھىتنىڭ تەسىرىدە تېز سۈرئەتتە يامرىغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ