مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا نېفىت ئوغرىلىغاندا يوشۇرۇپ ئولتۇرماي بىۋاسىتە زورلۇق بىلەن بۇلىماقتا

2023.08.10 01:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ كۈنى سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا «ئوغرىلاپ كەلگەن» نېفىت ۋە بۇغداي كېپىكىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسىغا يۆتكەپ كەلگەن. ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيەسى پات-پات يۈك ئاپتوموبىل ئەترىتىنى ئىشقا سېلىپ سۇرىيەدە نېفىت ئوغرىلىدى، نېفىت ئوغرىلاپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئاشلىق ئوغرىلىدى، قىلمىشى ئىنتايىن سەت بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ «دېڭىز قاراقچىلىرى مەدەنىيىتى»نىڭ تېگى-تەكتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

  سۈرىيە كىرىزىسى يۈز بەرگەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاز دېگەندىمۇ 350 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، ھازىر %90 ئاھالە نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ، ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاھالە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتىدۇ، يېرىمدىن ئارتۇق ئاھالە ئاشلىق كاپالىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسى ھازىرغىچە سۈرىيەنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى ۋە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى ئىگىلەپ، سۈرىيەنىڭ دۆلەت بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىۋاتىدۇ. سۈرىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، سۈرىيەنىڭ 2022-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئۇلار قوللىغان قوراللىق كۈچلەر ئوغرىلاپ كەتكەن. سۈرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ بۇ «رەزىل ئۇسۇلى»نى «دېڭىز قاراقچىلىقى قىلمىشى» دەپ ئەيىبلىدى.

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيەدە ئوچۇق-ئاشكارا ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق قىلىشى ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك «كىشىلىك ھوقۇق» نامىدا شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. سۈرىيە «ئامېرىكىچە بۇلاڭ-تالاڭ»نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىردىنبىر دۆلەت ئەمەس. ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىك جازالاش، «ئۇزۇن قولىنى سوزۇپ باشقۇرۇش» قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قىلغانلىقىنى كىشىلەر بۇرۇنلا بىلىپ بولغانىدى. يېقىندا، ئامېرىكا ۋېنېسۇئېلا دۆلەت نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى تارماق شىركىتىدىكى مۈلكىنى ساتماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى، ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بۇنى «ئەڭ چوڭ كۆلەملىك تالان-تاراج قىلمىشىنىڭ بىرى» دەپ ئەيىبلىدى؛ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىگە چوڭقۇر پېتىپ قالغان ئافغانىستاندا ئامېرىكا ئوخشاشلا ئىنتايىن رەھىمسىز تەرىپىنى نامايان قىلدى، 2021-يىلىدىن باشلاپ ئافغانىستاننىڭ چەت ئەلدىكى غايەت زور مۈلكىنى توڭلىتىپ ھازىرغىچە قايتۇرمىدى، يەنە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىشقا ئۇرۇندى؛ ئامېرىكا كۆپ قېتىم دېڭىز ئارمىيەسىنى ئىشقا سېلىپ ياكى 3-دۆلەتنى خەلقئارا سودا لىنىيەسىدىكى ئىران ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قېلىشقا كۈشكۈرتۈپ، ئىراننىڭ نېفىتىنى دۆلەت ئىچىگە يۆتكەپ سېتىپ نەق پۇلغا ئايلاندۇردى ھەمدە «بۇلاڭچىلىق»نى «ئىمپورت قىلىش» دەپ ئاقلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ ھەر خىل قىلمىشىنى «دېڭىز قاراقچىلىقى قىلمىشى» دەپ ئاتاش ئىسمى جىسمىغا لايىق. شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە مۇئامىلە قىلغان چاغدىكى ئوت قويۇش، ئۆلتۈرۈش، بۇلاشتىن تارتىپ تەرەپ-تەرەپتە توقۇنۇش-ئۇرۇش قوزغاش، يەر شارى بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىشقىچە «دېڭىز قاراقچىلىرى مەدەنىيىتى»نىڭ گېنى ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ تاشقى ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا «دېڭىز قاراقچىلىرى مەدەنىيىتى»نى ئاتالمىش دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنچىللىق قاتارلىق گەپ-سۆزلەر بىلەن پەردازلاۋاتىدۇ، بۇ گەپ-سۆزلەر كارغا كەلمىگەن ھامان ئامېرىكا قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئەخلاق تونىنى قايرىپ قويۇپ، «ئوچۇق-ئاشكارا» «دېڭىز قاراقچىسى» بولىدۇ. ئامېرىكا پىتتسبۇرگ داشۆسىنىڭ تەكلىپلىك قانۇنشۇناسلىق پىروفېسسورى دانيېل كوۋالك ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا «تالان-تاراج قىلىش»تىن ئىبارەت كۆپ قېتىم سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەنئەنىۋى ماھارىتىنى ئىشلىتىشكە ھەر ۋاقىت تەييار. ۋاشىنگتون تاڭغان «قائىدە ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپ»تە، قانۇنچىللىق پەقەتلا كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى باسىدىغان قورالدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  چوڭ دۆلەتلەر چوڭ دۆلەتلەردەك بولۇشى كېرەك، ئامېرىكىنىڭ ئوچۇقتىن-ئوچۇق باشقا دۆلەتلەرنىڭ بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى سەسكەندۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ