مۇھىم خەۋەرلەر

گېن ئارقىلىق «يىلتىز» ئىزدەش ئامېرىكىنىڭ نېگىر قۇللارنى ئېزىش تارىخىنى ئېچىپ بەردى

2023.08.10 01:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەر ئاستىغا چوڭقۇر كۆمۈلگەن قاتار-قاتار ئادەم ئىسىملىرى بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ يىلتىز سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ يېڭى بىر سان ئامېرىكا «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى. بۇ ژۇرنال يېقىندا ئېلان قىلغان يېڭى تەتقىقاتتا گېن تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ نېگىر قۇللار دەۋرىدىكى «يىلتىزى»ىنى تېپىشىغا ياردەم بېرىلگەن بولۇپ، ئاشۇ زۇلمەتلىك تارىخنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ بەردى.

  1774-يىلىدىن 1850-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ مارىلاند ئىشتاتىدىكى كاتوكتىن تۆمۈر زاۋۇتىدا نېگىر قۇللار ئىشلىتىلگەن. ئامېرىكا خارۋارد داشۆسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى شۇ جايدىكى نېگىر قۇللار قەبرىستانلىقىدىكى 27 جەسەتتىن DNA (ئوكسىگېنسىزلانغان رىبو يادرو كىسلاتاسى)نى ئايرىۋېلىپ، ئۇلارنى «مەن ۋە 23 جۈپ خىروموزوما» بىيوتېخنىكا شىركىتىنىڭ گېن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئىرسىيەت مۇناسىۋىتى بارلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  ئىلمىي ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، خارۋارد داشۆسىنىڭ ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئالىمى ھېنرى گەيتىس «بۇ ئىلىم-پەن ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار ئۇزاقتىن بۇيان قىزىقىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مىسالى» دېدى.

  ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەجدادىنى ئىزدەش ئارزۇسى «يىلتىز» ناملىق ئامېرىكا رومانىدا جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، لېكىن ئۇلار دائىم 1870-يىلىدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەيتتى، چۈنكى بۇ يىلىدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ خاتىرىلىرىدە نېگىر قۇللارنى تىلغا ئالغاندا ئاساسەن تولۇق ئىسمى ئىشلىتىلمەيتتى، گەيتىس بۇنى ئامېرىكىلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەشتىكى بىر «خىش تام» دەپ ئاتىغان.

  تارىخى بولمىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەدەنىيەت زۇلۇمىدىن باشقا، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كاتوكتىن تۆمۈر زاۋۇتىدىكى نېگىر قۇللارنىڭ ياشاش شارائىتى ناچار بولغان. 12-13 ياشتىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن بولغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ مۈرىسى چىقىپ كەتكەن، يەنە بىر 15 ياشلىق ئۆلگۈچىنىڭ ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىققان. بىر تەرەپتىن نۇرغۇن جەسەتلەرنىڭ تېنىدە ئىنتايىن يۇقىرى مىقتاردىكى قوغۇشۇن ۋە سىنىك بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن ۋىتامىن D كەمچىل بولغانلىقتىن راخىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان تۆت ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ سۆڭەكلىرى نۇرغۇن قەبرىلەردە كۆرۈلگەن.

  گېن تەتقىقاتى يېقىندىن بۇيان كۆپ قېتىم ئامېرىكىنىڭ نېگىر قۇللار تارىخىنى ئېچىپ بەردى. ئامېرىكا «دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژۇرنىلى» بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ چارلېستوندىكى بىر قەبرىستانلىقتا بايقالغان جەسەتلەر قارا تەنلىك قۇللارنىڭ جەسىتى بولۇپ، گېن سېلىشتۇرمىسىدا ئۇلارنىڭ غەربىي ئافرىقا دېڭىز قىرغىقىدىكى نۇرغۇن جايلاردىكى كىشىلەر بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

  ئامېرىكا خوۋارد داشۆسىنىڭ ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئىرسىيەتشۇناسلىق پىروفېسسورى فاتىمە جېكسون «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ نېگىر قۇللارنى ئېزىشىنىڭ تەسىرى كىشىلەر ئىلگىرى ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك ناچار بولغان، «پسىخىكا ۋە فىزىيولوگىيە جەھەتتىكى زەخىملىنىش نەچچە ئەۋلادتىن كېيىنمۇ يەنىلا كۆرۈنۈشتىكى گېن گۇرۇپپىسىدا ئېنىق ئىپادىلەنمەكتە».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ