مۇھىم خەۋەرلەر

پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىدى

خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسلىرى جۇڭگو-پەلەستىن دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ھەققىدە توختالدى

2023.06.27 00:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو-پەلەستىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسلىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-پەلەستىن باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ نەتىجىسى مول، ئەھمىيىتى زور، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پىلان تۈزۈپ، جۇڭگو- پەلەستىن مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

  جۇڭگو-پەلەستىن مۇناسىۋىتى ئەنئەنىۋى دوستانە مۇناسىۋەت. جۇڭگو پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققانىي ئىشلىرىنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي قوللايدۇ. زۇڭتۇڭ ئابباس جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، ياخشى دوستى، شۇنداقلا بۇ يىل جۇڭگو تەرەپ كۈتۈۋالغان تۇنجى ئەرەب دۆلىتى باشلىقى. مۇتەخەسسىسلەر زۇڭتۇڭ ئابباسنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جۇڭگو-پەلەستىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى، دېدى.

  جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە سابىق ئالاھىدە ئەلچىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىردا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچى ۋۇ سىكې مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو پەلەستىنگە چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلىپ، ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوست ۋە ھەمراھلاردىن بولۇپ كەلدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن پەلەستىننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ.

  پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان مەسىلە.

  رەئىس شى جىنپىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى 1967-يىلىدىكى چېگرانى ئاساس قىلغان، شەرقىي يېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش.

  ئىككىنچى، پەلەستىننىڭ ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى لازىم، خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىننىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېرۇسالىمنىڭ دىنىي مۇقەددەس جاي بولۇشىدەك تارىختا شەكىللەنگەن ھازىرقى ھالىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، چېكىدىن ئاشقان ۋە ئىغۋاگەرچىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، تېخىمۇ تەسىرگە ئىگە خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ بىللە ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. جۇڭگو پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ.

  ۋۇ سىكې مۇنداق دەپ قارىدى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى كۆپ نۇقتىدا كۆپ قېتىم يۈز بەردى، غەرب دۆلەتلىرى ئۆزىنىڭ قارالمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىگە بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى تۆۋەنلەتتى، ھەتتا ئۇنى چەتلەشتۈرۈۋەتتى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇس خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، رايون تىنچلىقى مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  سۆھبەتتە، زۇڭتۇڭ ئابباس جۇڭگونىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى بالدۇرراق، ئادىل ھەل قىلىش توغرىسىدا كۆپ تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، پەلەستىن تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئادىل مەيدانىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا شەرقتە «يارىشىش دولقۇنى» قوزغاپ، رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى خېلى زور دەرىجىدە پەسەيتتى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، زۇڭتۇڭ ئابباسنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو زىيارىتىدە پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

  مۇتەخەسسىسلەر پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل ھەل قىلىشنىڭ رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىققا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئوبيېكتىپ، ئادىل، يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھەگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، پايدىلىق شارائىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ