لى چياڭ باربادوس زۇڭلىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.06.26 15:23 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 6-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن باربادوس زۇڭلىسى موتلېي بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باربادوس جۇڭگونىڭ كارىب رايونىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو باربادوس بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-باربادوس مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو باربادوس بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى خالايدۇ، باربادوسنىڭ «ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىش پىلانى»نى دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى بىلەن يەنىمۇ تۇتاشتۇرۇشنى قوللاپ، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ باربادوسقا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، باربادوسنىڭ ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، باربادوسنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. باربادوسنىڭ جۇڭگو-كارىب تەرەققىيات مەركىزىگە تايىنىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو كىچىك ئاراللاردىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالى ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلىرىنى چۈشىنىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ.

  موتلېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باربادوس باربادوس-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ. باربادوس جۇڭگونىڭ باربادوسقا داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ، باربادوسنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، نامراتلىقنى ئازايتىش، ساياھەت، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. باربادوس «ئالاقىنى ئۈزۈش»گە قارشى تۇرىدۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداشنى، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى قوللايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا موتلېي شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ