شى جىنپىڭ نىڭشيانىڭ يىنچۇەن شەھىرى شىڭچىڭ رايونىدىكى فۇياڭ كاۋاپخانىسىدا يۈزبەرگەن يېقىلغۇ گاز پارتلاش ھادىسىسىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى

يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشنى ياخشى قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2023.06.25 09:32 مەنبە: خەلق تورى

  6 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى سائەت 20دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، نىڭشيانىڭ يىنچۇەن شەھىرى شىڭچىڭ رايونىدىكى فۇياڭ كاۋاپخانىسىدا يېقىلغۇ گاز پارتلاش ھادىسىسى يۈزبەردى. ھازىرغىچە، ھادىسىدە 31 كىشى ئۆلدى، يەتتە كىشى يارىلاندى.

  ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بەردى: نىڭشيانىڭ يىنچۇەن شەھىرى شىڭچىڭ رايونىدىكى فۇياڭ كاۋاپخانىسىدا يېقىلغۇ گاز پارتلاش ھادىسىسى يۈزبېرىپ، كۆپ ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش كۆرۈلدى، بۇ، كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ، ساۋاق چوڭقۇر. يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش ۋە ئۆلگەن ـ يارىلانغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھازىر دەل دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى، ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدىكى يوشۇرۇن خەۋپكە چىڭ قادىلىپ، خەۋپ ـ خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر ئېنىقلاش كېرەك. يېقىنقى مەزگىلدە ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ ـ خەتىرى بويىچە بىر قېتىملىق مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى، بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، يىنچۇەن شەھىرى كۈچ تەشكىللەپ كېيىنكى خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، داۋالاش ـ قۇتقۇزۇش، ھادىسە سەۋەبىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ