شى جىنپىڭ بېلگىيەدىكى داڭلىق دوستانە زات دۇڭ بوغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2023.06.21 09:27 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېلگىيەدىكى داڭلىق دوستانە زات دۇڭ بوغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇنى داۋاملىق جۇڭگو - بېلگىيە، جۇڭگو - ياۋروپا دوستلۇقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىزنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن يازغان خېتىڭىزنى كۆرۈپ، 2014 - يىلى رەپىقەم بىلەن بېلگىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، پادىشاھ فىلىپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن بىرلىكتە گۈزەل ماكان ھايۋانات باغچىسى مۈشۈكئېيىق باغچىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان كۆرۈنۈشنى ئەسلىدىم. مەن خۇشال ھالدا ئەينى يىلى گۈزەل ماكان ھايۋانات باغچىسىغا تىككەن سۆسۈن ئاق چېچەكلىك ماگنولىيەنىڭ ھۈپپىدە ئېچىلغانلىقىدىن، جۇڭگونىڭ «دوستلۇق ئەلچىسى» بولغان ئىككى مۈشۈكئېيىقنىڭمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتماقتا، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور قۇرۇلۇشنى يولغا قويدى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان زور بىر تۈركۈم ئەتىۋارلىق تۈرلەرنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى، مۈشۈكئېيىق «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىش»تىن «يوقىلىش گىردابىغا ئاز قېلىش» دەرىجىسىگە تۆۋەنلىدى. جۇڭگو ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو - بېلگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوستانە زاتلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە خالىس تۆھپە قوشۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. سىز ۋە باشقا دوستانە زاتلارنىڭ دوستلۇق ئۇرۇقىنى داۋاملىق چېچىپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنى بولۇپمۇ ياش بىرئەۋلادلارنى دوستلۇق ئىشلىرىغا بەس - بەستە ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىپ، جۇڭگو - بېلگىيە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  يېقىندا، بېلگىيە گۈزەل ماكان ھايۋانات باغچىسىنىڭ باش مۇدىرى، قۇرغۇچىسى دۇڭ بو رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننىڭ 2014 - يىلى 3 - ئايدا بېلگىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە گۈزەل ماكان ھايۋانات باغچىسى مۈشۈكئېيىق باغچىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەنزىرىنى ئەسلەپ مۇنداق بىلدۈرگەن: بۇ جۇڭگو باغچىسىدا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ئىدىيە نامايان قىلىندى، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى مەڭگۈ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان پۇرسەت.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ