شى جىنپىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن بىلەن كۆرۈشتى

2023.06.20 10:27 مەنبە: خەلق تورى

  6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دەۋر ئۆزگىرىۋاتىدۇ. دۇنيا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە موھتاج، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئۆتۈش ـ ئۆتەلمەسلىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. بىپايان يەرشارى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشىنى تامامەن سىغدۇرالايدۇ. جۇڭگو خەلقى ئامېرىكا خەلقىگە ئوخشاش ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان خەلق، ھەممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھوقۇقى بار، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئورتاق مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ھەرقايسىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى بىر ـ بىرىگە نىسبەتەن خىرىس بولماستىن بەلكى پۇرسەت. نۆۋەتتە، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئومۇميۈزلۈك ئەندىشە قىلماقتا، ئىككى دۆلەتنىڭ توقۇنۇشۇپ قارشىلىشىشىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تەرەپ تاللاپ شۇ تەرەپتە تۇرۇشنى خالىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇشى، دوستانە ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت تارىخقا، خەلققە، دۇنياغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يەرشارىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا مۇقىملىق، ئېنىقلىق، ئىجابىيلىق قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە ۋە دۇنيا دۇچ كەلگەن خىرىسنى ھەل قىلالمايدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئامېرىكىغا خىرىس قىلمايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ئالمايدۇ. ئوخشاشلا، ئامېرىكىمۇ جۇڭگونى ھۆرمەت قىلىشى، جۇڭگونىڭ يوللۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. ھەرقانداق بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتمەسلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى قارشى تەرەپنى يوللۇق تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلماسلىقى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، تىنچ بىللە ئۆتىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاقىلانە، ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە تۇتۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئورتاق تىرىشىپ، مەن بىلەن زۇڭتۇڭ بايدېن بالى ئارىلىدا ئۇچراشقاندا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار ئاكتىپ پوزىتسىيەنى ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىشىشىنى، ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بىلىنكىن زۇڭتۇڭ بايدېننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ بايدېن ئامېرىكا ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ، بۇ، ئامېرىكا، جۇڭگو ھەتتا دۇنيانىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئامېرىكا تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بالى ئارىلى ئۇچرىشىشىدا بېكىتكەن قارالمىغا قايتىدىن قايتىپ كېلىشكە كۈچ چىقىرىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ زۇڭتۇڭ بايدېن بەرگەن ۋەدىگە ئەمەل قىلىدۇ، «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگونىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىش مەقسىتى يوق، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، راۋان پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ئىختىلاپلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ بىلىنكىنغا زۇڭتۇڭ بايدېنغا سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى.

  ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ