لى چياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن بىرلىكتە 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.06.21 09:28 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېرلىن زۇڭلى مەھكىمىسىدە گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن بىرلىكتە 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. كېڭىشىشتىن بۇرۇن ، لى چياڭ شولىز بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى كېڭىشىشكە قاتناشقان جۇڭگو-گېرمانىيە ئىككى تەرەپ خادىملىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېرلىن زۇڭلى مەھكىمىسىدە گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن بىرلىكتە 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە، ئىقتىساد-سودا، سانائەت، مالىيە، ئەدلىيە، قاتناش، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، سەھىيە ، مۇھىت ئاسراش ، تەرەققىيات قاتارلىق 22 تارماق مەسئۇلىنىڭ جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى كېڭىشىش ئۈنۈملۈك، ئەمەلىي بولۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلدى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە « مۇقىملاشتۇرغۇچ »لۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىككى تەرەپ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمكارلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ «يېشىل كەسىپداشلار» ھەمراھى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، يېشىل، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق قارالمىلاردا ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە كەسىپ تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئۈچىنچى تەرەپ بازىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.‏‎

  شولىز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەتنىڭ كېڭىشىش مېخانىزىمى گېرمانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى نامايان قىلدى. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بارلىق قارالمىلاردا قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، قەرز مەسىلىسى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا ۋە قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش ئالاقىسى قويۇق، گېرمانىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئويى يوق، جۇڭگو بىلەن كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ‏‎ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىق ئاساسى پۇختا بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان. ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا مۇھىم دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش سۆھبىتى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۈچىنچى قېتىملىق جۇڭگو-گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مالىيە سۆھبىتى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە مۇھىت مۇنبىرى، سەھىيە سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ئاپتوموبىل ياساش، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى. كېڭىشىشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىلغار ياسىمىچىلىق، كەسپىي مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا قاتناشتى ھەمدە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىدىن بۇرۇن، لى چياڭ شولىز بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  7- نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىدىن بۇرۇن، لى چياڭ شولىز بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۈگۈنكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. گېرمانىيەنىڭ ئېچىۋېتىش روھىي ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا قائىدىنى ئاساس، توختام روھىنى پىرىنسىپ قىلىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى بۇنىڭدىن كېيىنكى جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىدىكى يېتەكچى ئىدىيەلەرنىڭ بىرى قىلىپ، يېشىل پەن - تېخنىكا، كەسىپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىنىڭ مۇۋاپىق، تەرتىپلىك ئىش تەقسىماتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  شولىز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئايرىۋېتىشكە قارشى تۇرىدۇ، خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش «جۇڭگوچىلاشتۇرۇش» ئەمەستۇر. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇقىم مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلىشنى خالايدۇ. گېرمانىيە تەرەپ قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى قوللايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن ياخشى سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى. سۆھبەتلىشىشتىن بۇرۇن، شولىز زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىدىكى مەيداندا لى چياڭنى داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەربىي ئوركېستىر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى لەپىلدىدى.

  لى چياڭ شولىزنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ