لى چياڭ بېرلىنغا يېتىپ بېرىپ 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كېڭىشى ئۆتكۈزدى ھەمدە گېرمانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى

2023.06.25 00:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھۆددە ئايروپىلان بىلەن بېرلىن براندېنبۇرگ ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى، گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىزنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كېڭىشىنى ئۆتكۈزىدۇ ھەم گېرمانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىنى بويلاپ تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىقلار ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  6-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھۆددە ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ئايرىلدى، گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز ۋە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گېرمانىيەگە بېرىپ 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشى ئۆتكۈزىدۇ ھەم گېرمانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ، فىرانسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ ھەم يېڭى يەر شارى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۈتۈمى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋۇ جېڭلۇڭ قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا بېيجىڭدىن ئايرىلدى.

  شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، لى چياڭ ئولتۇرغان ھۆددە ئايروپىلان بېرلىن براندېنبۇرگ ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ۋە جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ كېن قاتارلىقلار ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  لى چياڭ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە مەن گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققان تۇنجى بېكەت. بۇ بىر قېتىملىق دوستلۇق سەپىرى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سەپىرى. بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ شتايىنمەير بىلەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى ھەم تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى ۋە كېڭەيدى، ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت، يېشىللاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشى ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ئۇدۇللاشتۇرۇش، جۇڭگو ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە گېرمانىيە بىلەن سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىختىلاپ ۋە پەرقلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلاپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ، كۈچلۈك سىگنال تارقىتىشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، قالايمىقانچىلىق قانچە گىرەلىشىپ كەتكەن دەۋردە، جۇڭگو-گېرمانىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەقىل-پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ، خىرىسنى يېڭىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى شۇنچە زۆرۈر. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە گېرمانىيە زۇڭتۇڭى شتايىنمەير بىلەن كۆرۈشىدۇ، زۇڭلى شولىز بىلەن بىرلىكتە 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەم جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىق مۇنبىرى ۋە جۇڭگو-گېرمانىيە كارخانىچىلىرى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، گېرمانىيە سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، باۋارىيە ئىشتاتىنى زىيارەت قىلىدۇ ھەم گېرمانىيەدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ