ۋاڭ خۇنىڭ «ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش» بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2023.06.21 09:28 مەنبە: خەلق تورى

  «ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش» بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى 20-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا ئالاقىدار دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى قانات يايدۇرغان ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى ئۈستىدە كېڭەش ئېلىپ بېرىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى قۇرغان مۇھىم پارتىيەلەر كېڭىشىش شەكلى. ھەر قايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ج ك پ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە پارتىيەلەر كېڭىشىشىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ «ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش»نى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە-تەدبىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈر مەزمۇنى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلەپ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرەك. نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى، كېڭىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، دېھقان- ئىشچىلار پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لى داۋكۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى چۆرىدەپ چىقارغان زور ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يۈكسەك باھا بەردى، ئەمەلىي، سەمىمىي سىياسەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى سىياسەت ۋە تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى؛ دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ساغلام ئىستېمالنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى قىلىپ، ساغلام ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى؛ ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېڭىچە ئىستېمالنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمالدا يېڭىلىق يارىتىش تەكلىپىنى بەردى؛ مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشتىكى رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى؛ پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋاڭ گۇاڭچيەن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى مەركەز 20 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ