لى چياڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

2023.06.25 09:32 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 22-چېسلا چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ پارىژدىكى ئەلىسى سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 22-چېسلا چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ پارىژدىكى ئەلىسى سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ماكرون زۇڭتۇڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى يېقىندا جۇڭگونى مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەت قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو - فرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پىلان تۈزدى. مېنىڭ فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولۇشۇم، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-فىرانسىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈندۇر.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، جۇڭگو-فىرانسىيە، جۇڭگو-ياۋروپا ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىككە ئىگە، بىز ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھىت ئاسراش، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. فىرانسىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىيات پۇرسىتىنى ھەمبەھىرلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇپ ئورتاق ئىستراتېگىيە قارىشى، ئومۇمىيەت قارىشىغا ئىگە. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ پايدىلىق تەشەببۇسىنى قوللاپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ماكرون بۇ يىل 4-ئايدا جۇڭگودا قىلغان زىيارىتىنى ئەسلەپ خۇشاللاندى، لى چياڭدىن رەئىس شى جىنپىڭگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ماكرون لى چياڭنىڭ فىرانسىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ھەم يېڭى دۇنيا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېلىشىمى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بىرگە فرانسىيە-جۇڭگو ئىستىراتېگىيەلىك سۆھبىتى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىساد، مالىيە سۆھبىتى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئادىمىيەت ئالاقىسى مېخانىزىمىنىڭ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، يادرو ئېنېرگىيەسى، يېزا ئىگىلىك، يېمەكلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. خىرىسقا تولغان دۇنيادا فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو ئۈنۈملۈك بولغان كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ۋۇ جېڭلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ