لى چياڭ گېرمانىيە زۇڭتۇڭى شتايىنمەير بىلەن كۆرۈشتى

2023.06.25 00:52 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېرلىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە گېرمانىيە زۇڭتۇڭى شتايىنمەير بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېرلىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە گېرمانىيە زۇڭتۇڭى شتايىنمەير بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ شتايىنمەيرگە يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر جۇڭگو-گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ ھەم تېلېفونلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىدى. جۇڭگو جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. مېنىڭ بۇ قېتىم گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇشۇم ھەم زۇڭلى شولىز بىلەن بىرلىكتە 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىشىم ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى سىجىل ئاشۇرۇپ، گۇماننى تۈگىتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى قېزىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈندۇر.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، ھەمكارلىق ئاساسى پۇختا، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچلۈك. بىزنىڭ جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالىغا ئىشەنچىمىز كامىل. جۇڭگو ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى ئىزچىل قوللايدۇ، ئەڭ چوڭ خەۋپ-خەتەر ھەمكارلاشماسلىق، ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى تەرەققىي قىلماسلىق دەپ قارايدۇ. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە تىنچ تەرەققىيات ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىجادىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا پائال تۆھپە قوشۇش، ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم پۇرسىتىدۇر.

  شتايىنمەير لى چياڭدىن رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللاپ، گېرمانىيەنىڭ جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئورتاق قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گېرمانىيە ئالاقىنى ئۈزۈشكە، ھەرقانداق شەكىلدىكى لاگېر قارشىلىقىغا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ