مۇھىم خەۋەرلەر

پرىگورېن بېلارۇسىيەنىڭ ۋەزىيەتنى پەسەيتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بىكار قىلغان

2023.06.25 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 24-چېسلا كەچتە خەۋەر قىلىشىچە، ۋاگنېر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى پرىگورېن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكونىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رۇسىيە چېگراسى ئىچىدىكى ھەرىكىتىنى توختىتىش ھەمدە يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن پرىگورېننىڭ بېلارۇسىيەگە بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بىكار قىلغان.

  بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقى 24-چېسلا كەچتە بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى ئاخبارات تارمىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پۇتىن لۇكاشېنكوغا رۇسىيەنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى ئۇقتۇردى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىشقا قوشۇلدى، لۇكاشېنكو ئارقىدىن پرىگورېن بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتلىشىش ئاخىرىدا «رۇسىيە زېمىنىدا قانلىق قىرغىنچىلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ» دېگەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەرگە پايدىلىق ھەم قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى شەكىللەندى، بۇ لايىھە ۋاگنېر قوراللىق خادىملىرىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  تاس ئاگېنتلىقى بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پرىگورېن سەل كەچرەك ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، ۋاگنېر تەشكىللىگەن قىسىمنىڭ رۇسىيە چېگراسى ئىچىدىكى ھەرىكىتىنى توختاتقانلىقىنى ھەمدە كەينىگە بۇرۇلۇپ دالا ئۇرۇشى لاگېرىغا قايتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. «مەن رۇسىيەلىكلەرنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇشتا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلدىم، شۇڭا بىز كالوننانى يۆتكەپ، پىلان بويىچە بارگاھقا قايتتۇق»دېدى پرىگورېن.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 24-چېسلا كەچتە تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەڭ ئاخىرىدا يەنىمۇ زىيان كۆرۈلمىگەن ۋە دەرىجىسى ئۆسمىگەن ئەھۋال ئاستىدا مۇقىملاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 24-چېسلادىكى توپىلاڭ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى يېقىندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ