پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شى جىنپىڭ

2023.06.19 00:21 مەنبە: خەلق تورى

  2023-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى

  پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە باشتىن-ئاخىر پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پىرىنسىپى ۋە فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ بىر چوڭ ئىجادىيىتى، شۇنداقلا پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى چوڭ ئەڭگۈشتەر. يۈز نەچچە يىللىق پارتىيە تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، بۇ ئۇلۇغ ھالقىش جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان ئۇلۇغ ئىش، شۇنداقلا يەنە ئۆزىنى ئۆزگەرتىدىغان ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ روشەن ئاساسىي تېمىسى قىلىپ، بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بىر قاتار ئىسلاھات ئەمەلىيىتىنى يولغا قويۇپ بىر قاتار تۈزۈم-قائىدىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدۇق.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئومۇمىيلىققا، ئىجادىيلىققا ئىگە خىزمەت. يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدا پارتىيەمىز ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىادەر قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەھەتتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى قىلىپ، باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە بايرىقىمىز روشەن ھالدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئېكىلوگىيەنى ساپلاشتۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «تۆت ئېڭى»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىردەكلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەنىۋىي «كالتسىي» تولۇقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋىي ماكانىنى چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشىيەنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلانمىسى قىلىپ، «تۆت خاھىش»نى مىخ قېقىش روھى بويىچە تۈزەپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ماڭغان يولىمىزدا ئىز قالدۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت توسىمىغان ناچار ئىستىللارنى توختىتىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يوقىتىلمىغان بەزى جاھىل ئىللەتلەرنى تۈزەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى كەيپىيات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتۇق. بىز ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئىنتىزام قانۇندىن قاتتىق بولۇش، ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋىي ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىدا ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدىن تۇتۇپ بىخ ھالىتىدە يوقاتتۇق، «تۆت خىل ھالەت»تىن توغرا پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا پارتىيەنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشى ۋە غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردۇق. بىز تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىن ئىبارەت «تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك» بەرپا قىلىپ، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى نېگىزلىك، ئومۇمىيلىق، مۇقىملىق، ئۇزاق مۇددەتلىك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. بىز تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇردۇق، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «يولۋاسقا زەربە بېرىش»، «چىۋىنگە زەربە بېرىش»، «تۈلكە ئوۋلاش»قا تەڭ تۇتۇش قىلىپ، زور بىر تۈركۈم چىرىك ئۇنسۇرلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق، پارتىيە ئىچىدىكى ئېغىر سىياسىي خەۋپنى تۈگىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق ھەمدە ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملىدۇق، جۇڭگوچە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتۇق. دۇنياغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئوخشاش ئۆز قۇرۇلۇشىغا بۇنداق كەسكىن، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغان، مۇشۇنداق يۈكسەك ئاڭلىقلىق بىلەن ئىلمىي پوزىتسىيە، سىستېمىلاشقان ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. بۇ پارتىيەمىزنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان غەلبە قازىنىش يولى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش خەلق ئاممىسىنىڭ قەتئىي قوللىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، 2022-يىلى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ خەلق رايىنى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، %97.4 ئامما پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىدىن رازى بولغان، بۇ 2012-يىلىدىكىدىن 22.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  2022-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلارنى باشلاپ يەنئەن خاتىرە ئىنقىلابىي ئورنىغا ئېھتىرام بىلدۈردى. سۈرەتتە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يەنئەن ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدا «ئۇلۇغ مۇساپە – جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنئەندىكى 13 يىللىق تارىخىي كۆرگەزمىسى»نى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى مەزمۇنى مول، ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈمدە يۈرۈشىدىغان ھەرىكەت سىستېمىسىغا ئايلىنىشى كېرەك. بۇ سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىزدىن پارتىيەنى تۈزۈم، بەلگىلىمە ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ماس ماسلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قانۇن-نىزام، تۈزۈملەرنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، سىستېمىلىق قاراش، دىيالېكتىك تەپەككۇر ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مەزمۇن جەھەتتە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى قەيەرگىچە ئىلگىرى سۈرۈلسە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى شۇ يەرگىچە ئورنىتىپ، مەيلى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى بولسۇن ياكى تۈزۈم قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بولسۇن، ھەممىسىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىلەنلا چەكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئوبيېكتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يۈزلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلاردا» ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى مەزمۇنى مول، ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈمدە يۈرۈشىدىغان ھەرىكەت سىستېمىسىغا ئايلىنىشى كېرەك. بۇ سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىزدىن پارتىيەنى تۈزۈم، بەلگىلىمە ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ماس ماسلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قانۇن-نىزام، تۈزۈملەرنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، سىستېمىلىق قاراش، دىيالېكتىك تەپەككۇر ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مەزمۇن جەھەتتە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى قەيەرگىچە ئىلگىرى سۈرۈلسە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى شۇ يەرگىچە ئورنىتىپ، مەيلى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى بولسۇن ياكى تۈزۈم قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بولسۇن، ھەممىسىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىلەنلا چەكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئوبيېكتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يۈزلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلاردا» ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار، «بىرىنچى قول»لارنى ياخشى باشقۇرۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا ئالاھىدە پارتىيە ئەزالىرى بولماسلىق، ھېچقانداق بوشلۇق قالدۇرماسلىق كېرەك. مەسئۇلىيەت جەھەتتە تولۇق زەنجىرلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) شۇجىلىرىنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتى، رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت»نى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، كادىرنى تېگىشلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغانلارنى سۈرۈشتۈرۈش، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە زىچ باغلاپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە قول سېلىپ بىرلىكتە تۇتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تۈزۈم جەھەتتە تولۇق تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى تەلىپىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىرىگىچە گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە نىزامىنى نېگىز، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يادرو قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن -نىزاملارنىڭ نوپۇزى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، بەلگىلىمە بويىچە پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، جەزمەن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش تارىخىي تەجرىبىلىرىنى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرگە قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي تەلەپ قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە دەۋر خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش ۋە ئىجادچانلىققا باي بولۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى سىياسىي، ئىدىيەۋى، تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  بۇ— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2023 - يىل 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ بىر قىسمى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ