«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2023.06.16 14:52 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 12 - سانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ قۇرۇلۇش سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتىش ھەم پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پىرىنسىپى ۋە فاڭجېنىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ بىر چوڭ ئىجادىيىتى، شۇنداقلا پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى بىر چوڭ ئەڭگۈشتەر. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ روشەن باش تېمىسى قىلىپ، بىرقاتار ئىجادىي ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرقاتار ئۆزگىرىش ياساش ئەمەلىيىتىنى يولغا قويۇپ، بىرقاتار تۈزۈم ئۆلچىمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدۇق.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش بىر تۈرلۈك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرىگە، ئىجادىي خاراكتېرگە ئىگە خىزمەت. يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، پارتىيەمىز ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا مول نەتىجىلەرنى توپلىدى. بىز پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشنى پارتىيەنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى كەيپىيات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە، ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتۇق. پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر سىياسىي پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئوخشاش ئۆز قۇرۇلۇشىغا بۇنداق كەسكىن، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلالمايدۇ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى بۇنداق يۈكسەك ئاڭلىقلىق بىلەن ئىلمىي پوزىتسىيە، سىستېمىلاشقان ئۇسۇلدا ئالغا سىلجىتالمايدۇ، بۇ پارتىيەمىزنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى غەلىبە قازىنىش يولى.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئىلمىي ۋە قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ھەرىكەت سىستېمىسى بولۇشى كېرەك. بۇ سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشى، ھەمتۈرتكىلىك توپلىنىشى، بىرلىكتە ماسلىشىشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش، تۈزۈلمە - مېخانىزمنىڭ تاكامۇللىشىشى، مۇكەممەللىشىشى ۋە قانۇن - نىزام، تۈزۈملەرنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش، ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، سىستېما قارىشى، دىيالېكتىك تەپەككۇرنى تەدبىقلاش ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. مەزمۇننى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى قەيەرگىچە ئالغا سىلجىتىلسا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى شۇ يەرگىچە بەرپا قىلىش كېرەك. ئوبيېكتنى تولۇق قاپلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يۈزلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەت جەھەتتە تولۇق زەنجىرلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە زىچ باغلاش كېرەك. تۈزۈم جەھەتتە تولۇق تۇتاشقان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى تەلىپىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىرىگىچە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، جەزمەن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي تەلەپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە دەۋر خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش ۋە ئىجادچانلىققا باي بولۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى سىياسىي، ئىدىيەۋى، تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ