گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

زۇڭلى لى چياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى

2023.06.16 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى.

  6- ئاينىڭ 15 - كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قانۇندا قەسەم بېرىش تەشكىلىي چارىسى»غا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن 55 تارماق ۋە ئورۇننىڭ 81 نەپەر مەسئۇلى قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋۇ جېڭلۇڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ئارقىدىن قەسەم يېتەكچىسى قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ، قەسەم سۆزىنى ئوقۇدى، باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر سەپ بولۇپ ئۆرە تۇرۇپ ئەگىشىپ قەسەم بەردى.

  قەسەم بەرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەنتەنىلىك مۇراسىم قەلبىمىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، روھىمىزنى تاۋلىدى ۋە يۈكسەلدۈردى، كۆپچىلىكنىڭ جاراڭلىق قەسەمنى قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلىپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قەسىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ساداقەتمەنلىكنى مەڭگۈ ساقلاشتا ئەڭ نېگىزلىكى پارتىيەگە بولغان سادىق قەلبىنى تاۋلاش كېرەك، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلب ۋە روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەيلى قانداق ۋەزىيەتكە، قانداق دولقۇنغا يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاساسىي قانۇنغا، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولۇشىمىز كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى كۈچەيتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىش قىلىپ، نەتىجە يارىتىش روھىي كەيپىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، زور ئۆزگىرىش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىقنى، ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. دائىم ھېيىقىشنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، توغرا ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قانۇنچىللىق روھىغا قەتئىي رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى چىڭ ساقلاپ، پاكلىق تۆۋەن چېكىنى، قانۇن - ئىنتىزام قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، پاك ئادەم بولۇشىمىز، پاكىز ئىش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇرچ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا يىراققا بارغىلى بولىدۇ، قەسىمىمىزنى ھەرىكىتىمىزدە نامايان قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئىجرا قىلغۇچىلىرى، ھەرىكەت قىلغۇچىلىرى، ئەمەلىي ئىشچىلىگۈچىلىرىدىن بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  گوۋۇيۈەن رەھبىرىي يولداشلىرى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ