مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دېدى

2023.05.12 00:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ يېقىندا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيەنى قايتىدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكى توغرىسىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 5-ئاينىڭ 10-كۈنى سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، تەھدىت دىپلوماتىيەسىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى يېقىندا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيەنى قايتىدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكا بەشار ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرمايدۇ، شۇنداقلا ئىتتىپاقداش ھەمراھلىرىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەت قوللىنىشىنى قوللىمايدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئامېرىكا 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ سۇرىيەگە قارىتىلغان يەككە تەرەپلىك جازالاش تەدبىرىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دەپ سورىدى.

  «ئوتتۇرا شەرق ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ، ئوتتۇرا شەرق رايونى ئىشلىرىنى ئوتتۇرا شەرق خەلقى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىشى كېرەك. سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشى ئەرەب ئەللىرى خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا پايدىلىق، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى، تەھدىت دىپلوماتىيەسىنى توختىتىشى، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ سۆزلىشىش، يارىشىش مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشى، زىددىيەت پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشنى توختىتىشى كېرەك» دېدى ۋاڭ ۋېنبىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ