«ھەممەيلەن قالتىس» (باش شۇجىنىڭ خەلققە بولغان مۇھەببىتى)

2023.05.05 09:46 مەنبە: خەلق تورى

  «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تۆھپە قوشقان، ھەممەيلەن قالتىس».

  2023-يىلى چاغان ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىن ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغان چاغدىكى بىر ئېغىز سۆزى كىشى قەلبىنى ئىللىتىپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

  «قالتىس» دېگەن سۆز ئارقىلىق بارلىق «ئاددىي قەھرىمان» لارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلگەن. دەل ئاشۇ سانسىزلىغان ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش زەپەر مارشىنى ياڭراتقان.

  باش شۇجىنىڭ «مەن ئۇلۇغ خەلقىمىزنى مەدھىيلەيمەن» دېگەن سۆزىدىن «مىليونلىغان ئاددىي كىشىلەرنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن» دېگەن سۆزىگىچە نەزەرى باشتىن-ئاخىر خەلققە تىكىلگەن، ھېسسىياتى باشتىن-ئاخىر خەلققە باغلانغان. «ھەممە ئادەم قالتىس» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز ئەمگەكنى مەدھىيەلەيدىغان سەمىمىي ھېسسىياتنى نامايان قىلىدۇ.

  «سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، يېڭى دەۋرمۇ ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. سىلەرنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆز خىزمەت ئورنۇڭلاردا داۋاملىق جان تىكىپ ئېلىشىپ، يەنىمۇ ياخشى نەتىجە يارىتىپ، جاپادىن قورقماس غەيرىتىڭلار، ئىلگىرىلەش غەيرىتىڭلار، ئىجتىھاتىڭلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئىلھام بېرىپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».بۇ، 2018-يىلى «1ـ ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى شۆيۈەنى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىدىكى بىر ئابزاس سۆز.

  يولداش شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر ئەمگەكچىلىك خىسلىتىنى ساقلاپ كەلگەن. شىمالىي شەنشىدىكى لياڭجياخېدا ئۇ يۇرتداشلىرىنى باشلاپ قۇدۇق قازغان، توغان تۇتقان، پەلەمپەي ئېتىزى ياسىغان ۋە پاتقاق گازى كۆلچىكىمۇ قازغان؛ فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى نىڭدې شەھىرىدە، ئۇ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئورنىغا بېرىپ، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى باشلاپ ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى تازىلاش ئەمگىكىگە قاتناشقان.

  پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئەمگەكچىلەر ئارىسىغا قايتا-قايتا كېلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن يېڭىچە ئەمگەكچىلەر قوشۇنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى؛ مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنى شەھەرنىڭ «ھۆسىن تۈزەش ئۇستىسى» دەپ ماختىدى؛ «تاكسىچى ئاكا-ئاچىلار» نىڭ شەھەر قاتناش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى؛ «تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر» نى ئىشچان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشىتىپ، ئەڭ تىرىشچان ئەمگەكچىلەر دەپ ماختىدى ...

  2016-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ تاڭشەن شەھىرى پالەچلەر ساناتورىيەسىدە كەسمە پالەچ يارىدارلارنى يوقلىغاندا: «مېيىپلارمۇ ئېسىل ھايات كەچۈرەلەيدۇ» دەپ ئىلھام بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپقىچە بولغان 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرلەندۈرۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مېيىپلارنى كىشىلىك تۇرمۇشىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

  بۈگۈنكى جۇڭگودا ئارزۇلىرىمىزنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلگە ئېشىشى ھەر بىر ئەمگەكچىنىڭ ئۆز ئارزۇلىرىغا ئىنتىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قارىشىچە «پەقەت كۆڭۈل قويۇپ ئەمگەك قىلغاندىلا، تىرىشىپ ئەمگەك قىلغاندىلا ئاددىي خىزمەت ئورنىدىمۇ قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ».

  «ھەممەيلەن قالتىس» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز خەلق ھەممىدىن ئەلا دېگەن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  2018-يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدە ئولتۇرغان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ باشلامچىلىق بىلەن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدە ئولتۇرغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان خادىملار ۋەكىللىرىگە چاۋاك چېلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئىسلاھات ئاۋانگارتلىرىغا ياڭرىتىلغان ئالقىش مىليارد خەلققىمۇ مەنسۇپ.

  خەلقنىڭ مەيدانى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى.

  يەرلىكتە خىزمەت قىلغان چاغلىرىدىلا، يولداش شى جىنپىڭ خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە كوچا قاسنىقىغا كەنتىر قويۇپ ئولتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى، خەلقنىڭ رايىنى ئىگىلەيتتى.

  2020-يىل 9-ئايدا، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ «خەلق ئاممىسى مول ئەقىل-پاراسەت ۋە چەكسىز ئىجادچانلىققا ئىگە» دەپ كۆرسەتتى.

  پارتىيە ۋە دۆلەت دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش بىلەن ئەلدىن پاراسەت ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈردى. «14-بەش يىللىق يىرىك پىلان»نى تۈزۈش توغرىسىدا توردا پىكىر ئېلىش دۆلىتىمىزنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈش تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق «توردا تەدبىر سورىشى». پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرى بويىچە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىدە توپلانغان تۈرلۈك پىكىر-تەكلىپ 8 مىليون 542 مىڭ پارچە، يەنى 290 مىليون خەتتىن ئاشتى ... «ياخشى فاڭجېن، سىياسەت ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇشى، خەلقنىڭ كۈتكىنىدەك بولۇشى، ئاممىدىن ئېلىپ ئاممىغا قايتۇرۇلۇشى كېرەك».«ھەممەيلەن قالتىس» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزگە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

  بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. 2014-يىلى ئېلىمىز ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى تەسىس قىلغاندىن بۇيان، ھەر يىلى دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ.

  بوران-چاپقۇندا تەمتىرەپ يۈرۈشتىن گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشقىچە «جۇڭخۇا مىللىتى سانسىزلىغان بالايىئاپەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئەزەلدىن نىجاتكار بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى چوڭ ئاپەت ئالدىدا مىليونلىغان ئاددىي كىشىلەرنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەردلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن بارلىققا كەلگەن».

  قەھرىمان خەلقتىن كېلىدۇ، نەمۇنىچىلار ئاممىدىن چىقىدۇ. يۈ مىن ، شېن جىلەن، سۈن جيادۇڭ، لى يەننيەن، جاڭ فۇچىڭ، يۈەن لۇڭپىڭ، خۇاڭ شۈخۇا، تۇ يوۋيوۋ، جۇڭ نەنشەن كەبى بۇ شانلىق ئىسىملار «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» غا ئېرىشكۈچى دېگەن ئورتاق سالاھىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوردېننى ئۇلارغا بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈرگىنىدە، تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئاۋانگارت بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا، خەلق ھەل قىلغۇچ كۈچ. 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار دۆلەتتە، ھەر بىر ئادەم بىر كىشىلىك كۈچ چىقارسىلا تاغنى تالقان قىلغۇدەك قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلالايدۇ، ھەر بىر ئادەم بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغاندىلا، بىر خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەندىلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى بىر قەدەم ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ.

  «خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، شۇنداقلا دەۋرنىڭ ياراتقۇچىسى». يول بويى نامايان بولغان قاينام-تاشقىنلىق، ئىستىقبالى پارلاق جۇڭگو ھېكايىسىدە ھەممەيلەن خوجايىن، ھەممەيلەن قالتىس!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ