خەن جېڭ ئەنگلىيە پادىشاھى چارلىزⅢ كە تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم پورتۇگالىيە، گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
2023.05.05 21:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ 5-ئاينىڭ 4-كۈنى جاكارلاپ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە پادىشاھى چارلىزⅢ نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پادىشاھقا تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
پورتۇگالىيە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە پورتۇگالىيە، گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ