شى جىنپىڭ 10 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2023.05.09 14:00 مەنبە: خەلق تورى

  5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 10 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 10 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنى قىزغىن قارشى ئالدى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىغا يېتىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەرگە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شى تەيفېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرىدىغان ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن. چەت ئەلدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ دوستلۇقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى سەھىپە پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى دۇنيادىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلارنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ھەم مەسئۇللىرى بىرلەشمە دوستلۇق ئالاقىسىدىكى مۇھىم سۇپا. بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا «جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 130دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ 500گە يېقىن مەسئۇلى يىغىنغا قاتناشتى.

  ۋاڭ يى، جياڭ زوجۈن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ