مۇھىم خەۋەرلەر

لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى قوللاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2023.05.08 00:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5-ئاينىڭ 5-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى قوللاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش __ كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا بولۇپ، ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق كۆلەم ئۈنۈمى ۋە رىقابەت ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق. ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جايلارنى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، كەسىپلەشتۈرۈش، پەرقلەندۈرۈش، خاسلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورنىنى كۆتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلار توپىنى زورايتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ئېكولوگىيەسىنى كۈچەپ يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزىلاردا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ بوشلۇقى كەڭ بولۇپ، زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، يېزىلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە يېزا-كەنت ساياھىتى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ. يىغىندا زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك چەكلىمىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇۋاپىق ئالدىن قۇرۇپ، زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تىجارىتى، ئاسراش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «قۇرىدىغان، باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، سىجىل بولۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كارخانىلارنى سېتىش مۇلازىمەت تورىنى يېزىلارغا كېڭەيتىشكە يېتەكلەپ، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ يېزىلارغا يۈزلىنىپ، ئاسراش تېخنىكا خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىپ، ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىش، ئاسراش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، ئىشلىتىشنى قوللاش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تەمىناتىنى بېيىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ